باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى

2018.05.25 09:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ شىيا خەۋەر قىلىدۇ: 5 – ئاينىڭ 22 – كۈنى، ئاپتونوم رايونىمىز 2018 – يىللىق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتى تېلېۋىزىيە – تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپى، رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپى، تولۇق ئوتتۇرا سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرىنى يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۇقۇشىمچە، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتى بۇ يىل 5 – ئاينىڭ ئاخىرى باشلىنىپ، 9 – ئاينىڭ باشلىرىدا ئاخىرلىشىدىكەن، توشۇلىدىغان ئوقۇغۇچى 150 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل كۈزدە، ئاپتونوم رايونىمىز 13 مىڭدىن ئارتۇق ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپى، كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىغا يېڭىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىچكىرىگە توشۇش خىزمىتىنى تاماملايدىكەن.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇلازىمەت قىلىش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنى يازلىق تەتىللىك توشۇش خىزمىتىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، خىزمەت ۋەزىپىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىش، مەكتەپكە قايتىش جەريانىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنى توشۇش خىزمىتىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر