باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ كورلا-يەكەن ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى

2018.05.17 14:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ، خۇاشيا ئاۋىياتسىيە شىركىتى كورلا-يەكەن بېرىش-كېلىش ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى. دېمەك، بۇنىڭ بىلەن، قەشقەر ۋىلايىتى يەكەن ناھىيەسىدىن بىۋاستە ھالدا كورلىغا ئۇچقىلى بولىدۇ، قەشقەر ياكى ئۈرۈمچىدە ئايروپىلان ئالمىشىشىنىڭ ھاجىتىنىڭ يوق.

  مۇخبىرنىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى كورلا ئايرودۇرۇمىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە خۇاشيا ئاۋىياتسىيەنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرى ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدىكەن. 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ ھەر دۈشەنبە، چارشەنبە، جۈمە، يەكشەنبە بىر نۆۋەت قاتنايدىكەن. نۆۋەتچى ئايروپىلانلار سائەت 19:50دە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 21:35تە يەكەنگە يېتىپ بارىدىكەن. قايتىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 21:15 ئۆتكەندە يەكەندىن ئۇچۇپ، سائەت 23:50دە كورلا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ بارىدىكەن. ھەر سەيشەنبە، پەيشەنبە، شەنبە يەنە بىر نۆۋەت قاتنايدىغان بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 20:35 ئۆتكەندە كورلىدىن ئۇچۇپ، سائەت 22:20دە يەكەنگە يېتىپ بارىدىكەن، قايتىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 23:00دە يەكەندىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سائەت 00:35 ئۆتكەندە كورلىغا يېتىپ بارىدىكەن.

  كورلا ئايرودۇرۇمىدىكى خىزمەتچى خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئىلگىرى كورلىدىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ يەكەنگە بېرىش ئۈچۈن، ئاۋۋال قەشقەر ياكى ئۈرۈمچىگە بېرىپ ئايروپىلان ئالمىشىشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، ئايروپىلان ئالمىشىش ئۈچۈن ئاز دېگەندە ئىككى سائەت ۋاقىت كېتىپ، ئىككى جاي ئارىسىغا قاتناشقا 11 يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدىكەن. پويىز بىلەن يولغا چىققاندا 14 سائەتتىن 19 سائەتكىچە ۋاقىت كېتىدىكەن. بۇ لىنىيە ئېچىلغاندىن كېيىن، پۈتۈن مۇساپىگە پەقەت ئىككى سائەت ۋاقىت سەرپ قىلسىلا ئەسلى نىشانغا يېتىپ بارغىلى بولىدىكەن.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ لىنىيە ئېچىلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئايروپىلان بېلىتىدىكى ئالاھىدە باھالىق بېلەتلەر 99 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر