باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قەشقەر شەھىرى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەپ، ئۇلارنى خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلدى

2018.04.20 10:08         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز تاھىرجان ئاتاۋۇللا، ئەسقەرجان تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ: قەشقەر شەھىرى نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەشنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ مۇھىم تەدبىرى قىلىپ، نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەپ، ئۇلارنى بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  بۇ شەھەر 13- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىغا بېرىلگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «بۇ يىل يەنە يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىنى 10 مىليوندىن كۆپرەك ئازايتىپ، 2 مىليون 800 مىڭ كىشىنى كۆچۈرۈپ يۆلەشنى تاماملايمىز» دېگەن نىشاندىن زور ئىلھاملاندى ھەم مۇشۇ نىشانغا ماسلاشتۇرۇپ نىشان بېكىتتى. نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش بىلەن مائارىپ ئارقىلىق يۆلەش، ساغلاملىق ئارقىلىق يۆلەش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۆلەش ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق يۆلەشنى ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈردى. نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ئولتۇراق رايونلىرى ئەتراپىدىكى زاۋۇتلارغا بىر تۈركۈمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى كەسىپلەر رايونىغا بىر تۈركۈمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش بويىچە تازىلىق، ئامانلىق ساقلاش ئىش ئورۇنلىرىغا بىر تۈركۈمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، 2- ، 3- كەسىپ، بولۇپمۇ شەرقىي شەھەر رايونىدىكى قۇرۇلۇشلارغا بىر تۈركۈمنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق كۆچۈرۈلگەن نامرات ئائىلىلەردىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سالدى. شەھەرلىك نامراتلارنى يۆلەش- ئېچىش ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى غولامجان ئەلى مۇنداق دېدى: شەھىرىمىزنىڭ نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش خىزمىتىنىڭ ياخشى ئىشلىنىشى بىلەن كۆپلىگەن دېھقانلار يېڭى، ئازادە، راھەت، چىرايلىق ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. ھازىرغا قەدەر شەھەر بويىچە ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 597 ئائىلىدىكى 2317 نامرات ئاھالىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مەسىلىسى تولۇق ھەل بولدى. بۇنىڭدىن كېيىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2- ئاينىڭ 12- كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدە قىلغان نامراتلارنى يۆلەش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، نامراتلارنى يۆلەش تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي يولغا قويۇپ، كۆچۈرۈپ يۆلەنگەن نامراتلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەيمىز.

  نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ئولتۇراق رايونىدىكى يېڭى ئۆيىگە كۆچۈپ كىرگەن تۇرسۇنگۈل سەمەت ئولتۇراق رايونىدا تازىلىق خىزمىتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى. ئۇ پارتىيەگە، ھۆكۈمەتكە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ بىزنى يېڭى، ئازادە، راھەت، چىرايلىق، كۆڭۈلدىكىدەك تۇرالغۇغا ئىگە قىلغانلىقىدىن چوڭقۇر مىننەتدارمەن. مىننەتدارلىقىمنى ئېغىزىمدىلا ئەمەس، ھەرىكىتىمدىمۇ ئىپادىلەيمەن، داۋاملىق پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، بالدۇرراق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەيمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر