باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

غەينۇلا پەيزاۋات دېھقانلىرىنىڭ «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى»گە ئايلاندى

2018.04.20 10:07         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز خۇا جيەنشې خەۋەر قىلىدۇ: 4- ئاينىڭ 8- كۈنى، پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ يېڭىمەھەللە يېزىسى يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى «غەينۇلا شاھى» كىچىك رېھىم ئائىلىسىنىڭ غەينۇلا بېغىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ بېقىش نىيىتىدە ئۇنىڭ بېغىغا باردىم. باغدا مېۋىلىك دەرەخ ئارىسىغا بۇغداي كىرىشتۈرۈپ تېرىلغان بولۇپ، تەكشى تىكىلگەن مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2.5 مېتىر كېلىدىكەن؛ مېۋىلىك دەرەخ ئارىسىدىكى بۇغداي مايسىلىرى بولۇق ئۆسۈپتۇ.

  كىچىك رېھىم ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: بۇلتۇر 8- ئاينىڭ بېشىدا، چېڭدۇلۇق تەن خوجايىن غەينۇلا سېتىۋېلىشقا كېلىپ، 300 مىڭ يۈەن زاكالەت بەردى. ئۇ تېخىمۇ كۆپ زاكاز قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى، مەن بۇنچە كۆپ مالنى تەييارلىيالماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ، زاكازنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدىم، ئاخىرىدا 14 مو يەردىكى غەينۇلانى 370 مىڭ يۈەنگە ساتتىم.

  پەيزاۋات ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى غەينۇلا ئۆستۈرۈشكە ناھايىتى باب كېلىدۇ. يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ، 13 يىل تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، پەيزاۋات ناھىيەسى بۇ يىل 233 مىڭ 900 مو يەردە غەينۇلا ئۆستۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە مېۋىگە كىرگەن باغ كۆلىمى 79 مىڭ مو، 2017- يىلى ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 46 مىڭ توننىغا يېتىپ، پۈتۈن ناھىيەدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىشى بېشى كىرىمىنى 700 يۈەن ئاشۇردى.

  پەيزاۋات ناھىيەسى غەينۇلا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، غەينۇلا كەسپىنى پەيزاۋات قوغۇنى ماركىسىدىن قالسىلا نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان گۈللىنىۋاتقان كەسىپكە ئايلاندۇردى، ھەر يىلى مالىيە بويىچە نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغى، تۈر مەبلىغىدىن 60 مىليون يۈەننى بىرلەشتۈرۈپ، پەيزاۋات قوغۇنى ۋە غەينۇلا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، 300 مودىن ئارتۇق ئۆلچەملىك غەينۇلا ئۆستۈرۈش ئۈلگە رايونىدىن ئالتىنى قۇردى. ئاپتونوم رايون، قەشقەر ۋىلايىتى، ناھىيەنىڭ ئورمانچىلىق پەن- تېخنىكا تارماقلىرى ھەر يىلى پەيزاۋات ناھىيەسىگە ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى، تېخنىكا تايانچلىرى ۋە باغۋەنچىلىك ئائىلىلىرىدىن 15 مىڭ(قېتىم)نى تەربىيەلەپ بېرىپ، ھەربىر دېھقان ئائىلىسىدە پەن- تېخنىكا بىلىدىغان بىر كىشىنىڭ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇردى. ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى 800 كىشىنى تەشكىللەپ، ئورمانچىلىق، ئۆسۈملۈك ئاسراش قوشۇنى قۇرۇپ، ھەر يىلى ئىككى قېتىم ئالا قويماي كېسەللىك، ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئالدى ۋە تىزگىنلىدى.

  2013- يىلىدىن بۇيان، پەيزاۋات ناھىيەسى ئۇدا بەش يىل ئېتىز- ئېرىق بېشىغا بېرىپ، غەينۇلا باھالاش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، غەينۇلا ئۆستۈرۈش ماھىرىدىن 20نى توكسىكلىت، كىرئالغۇ قاتارلىق بۇيۇملار بىلەن مۇكاپاتلىدى ھەم بۇ ماھىرلارنى نەق مەيداندا ئۆستۈرۈش ۋە سېتىش جەھەتتە ئۆزئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللىدى.

  دېھقانلار چىن كۆڭلىدىن قىلماقچى بولغان ئىشنى مەمۇرىي بۇيرۇق بولمىسىمۇ ياخشى قىلىدۇ. پەيزاۋات ناھىيەسى كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەشتىن ئىبارەت بۇ قىيىن مەسىلىگە ئاخىر بۇ يىل ئەتىيازدا جاۋاب تاپتى. ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى ۋەنزې مۇنداق دېدى: پەيزاۋات ناھىيەسى بۇ يىل 100 مىڭ مو يەرگە غەينۇلا كۆچىتى تىكىشنى پىلانلىغان، يېزا- بازارلار ھازىرغىچە ئىستاتىستىكا قىلىپ يوللىغان سان پىلاندىكىدىن ئېشىپ كەتتى.

  يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، پەيزاۋات غەينۇلاسى گۇاڭجۇ، شاڭخەي، بېيجىڭ، چېڭدۇ، چاڭشا قاتارلىق كۆپلىگەن ئۆلكە، شەھەرلەرگە سېتىلدى، غەينۇلانىڭ مو بېشى كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 20 مىڭ يۈەنگە يەتتى. غەينۇلا پەيزاۋات دېھقانلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىدىكى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ»كە ئايلاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر