باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سەدىردىن ئائىلىسىنىڭ «كەنجى ئوغلى» توي قىلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ليۇ ۋېي، شى يۈ، خې ياۋ

2018.04.20 10:06         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش بازىرى بەيساق كەنتىدىكى سەدىردىن توختى ئائىلىسى يېقىندا «كەنجى ئوغلى» شياڭ گوۋېننىڭ تويىنى قىلدى، شياڭ گوۋېننىڭ ئۇلارغا ئوغۇل بولغانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئۈچ يىل ئىلگىرىكى ئىشتىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ.

  2015- يىلى 7- ئايدا، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن شياڭ گوۋېن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ جەنۇبىي شىنجاڭغا كېلىپ، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش بازىرىدا مەمۇرىي خادىم بولدى.

  بىر قېتىملىق ئائىلە زىيارىتىدە، شياڭ گوۋېن سەدىردىن توختىنىڭ چوڭ ئوغلى توختاجى بىلەن تونۇشۇپ قالدى، ئىككىيلەن بىر كۆرۈشۈپلا ناھايىتى يېقىن دوستلاردىن بولۇپ كەتتى. شياڭ گوۋېن پات- پات سەدىردىن توختىنىڭ ئۆيىگە مېھمان بولۇپ باراتتى. سەدىردىن توختى: ئۇنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندىلا ياقتۇرۇپ قېلىپ، ئوغلۇم قىلىۋالغۇم كەلگەنىدى، دېدى.

  سەدىردىن توختى ۋە ئۇنىڭ خوتۇنى شياڭ گوۋېنغا ھەر تەرەپتىن غەمخورلۇق قىلدى، ئۇنى ئۆز بالىسىدەك كۆردى، ئۇنىڭغا يەنە تۇرسۇنجان سەدىردىن، دەپ چىرايلىق ئىسىم قويۇپ قويدى. شياڭ گوۋېن ئۇلارنى: دادا، ئاپا، دەپ چاقىرىدىغان بولدى.

  شياڭ گوۋېن ئاتۇشقا كەلگەن ئىككىنچى يىلى، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، ئۇنىڭغا ئوخشاش غايىنى كۆڭلىگە پۈككەن 25 ياشلىق لو فېڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا كەلدى، ئىككىيلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشتى ھەم مۇشۇ يەردە ئائىلە قۇرۇشنى قارار قىلدى. شياڭ گوۋېن بۇ خەۋەرنى دادىسى ۋە ئاپىسىغا ئېيتقاندا، ئەر- خوتۇن ئىككىيلەن بەك خۇشال بولدى، ئۇلار دەرھال ئوغلىنىڭ توي ئىشىغا تۇتۇش قىلدى. بىر ئائىلە كىشىلىرى مەسلىھەتلىشىپ، توي كۈنىنى بېكىتتى، ئۇيغۇرلارنىڭ توي ئۆرپ- ئادىتى بويىچە ئۆينى قايتىدىن بېزىدى، خەنزۇلارنىڭ توي ئۆرپ- ئادىتى بويىچە «خۇشاللىق» دېگەن چوڭ قىزىل خەت بىلەن پوجاڭزا تەييارلىدى.

  «دوستلار، كەنجى ئوغلۇم تۇرسۇنجان سەدىردىننىڭ توي مەرىكىسىگە كەلگىنىڭلارنى قارشى ئالىمەن، كۆپچىلىكنىڭ بىزگە ئىزچىل غەمخورلۇق قىلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن». تويدا سەدىردىننىڭ خوتۇنى بۇھەجەر مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋاتاتتى، يىگىت كېلىنچەكنى قولتۇقلاپ ئاستا مېڭىپ كىرگەندە، ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- بۇرادەرلەر ۋە يۇرتداشلار ئۇلارغا ئالقىش ياڭراتتى. بۇھەجەر لو فېڭنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ، چىن كۆڭلىدىن بەخت تىلىدى. ئۇ خۇشاللىق ياشلىرىنى سۈرتكەچ: بۈگۈن يەنە بىر كېلىنلىك بولدۇم، مەن بۇنىڭدىن بەك خۇشال، ئۇلارنىڭ بەختى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، دېدى.

  توي مەرىكىسىدە، شياڭ گوۋېن بىلەن لو فېڭ سەدىردىن توختى بىلەن بۇھەجەرگە چاي تۇتۇپ، دادا، ئاپا دەپ چاقىرغاندا، ئۇلار قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتتى. شياڭ گوۋېن ۋۇجۇدىدىن ئۇرغۇپ تۇرغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر دادام، ئاپام مېنى ئۆز بالىسىدەك كۆردى، ئۇلارنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇمايمەن! لو فېڭ ئىككىمىز ئۇلارنى ئۆز ئاتا- ئانىمىزدەك كۆرىمىز.

  بەيساق كەنتىدىكىلەرنىڭ سەدىردىن ئائىلىسىدىكى «كەنجى ئوغۇل»نىڭ تويى بولىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بار ئىدى، توي كۈنى 200 نەچچە كىشى توينى مۇبارەكلەپ كەلدى. كەنت ئاھالىسى ئەخەت ئوبۇل مۇنداق دېدى: گوۋېن ئەقىللىق، ئوبدان بالا، ئۇيغۇر دادىسى، ئاپىسىغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، بىزمۇ ئۇنى ياقتۇرىمىز، ئۇلارنىڭ تويىنى مۇبارەكلەيمەن. شياڭ گوۋېننىڭ چوڭ ئاكىسى توختاجى مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلنى ئەسلىسەم، بىز بىللە تاماق يەپ، بىللە ئەمگەك قىلىپ، بىللە ئۆگىنىپ، بىر قورساق تۇغقانلاردەك يېقىن بولۇپ كەتتۇق، بۈگۈن ئىنىم توي قىلدى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تولىمۇ خۇشالمەن، ئۇلارنىڭ تويىنى مۇبارەكلەيمەن ھەم مېھىر- مۇھەببىتىمىزنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر