باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرى «چاغاندىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىك»كە قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا توختالدى

2018.02.24 15:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چاغانلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، قايتىدىن خىزمەت ئورنىغا قايتىپ بېرىپ تېخىمۇ چارچاپ، تىت-تىت بولۇپ، زېھنىڭىزنى مەركەزلەشتۈرەلمىدىڭىزمۇ؟ ئىشقا بارغۇڭىز كەلمىدىمۇ؟... بۇ مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە دەل «دەم ئېلىشتىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىك»تۇر.

  كىچىك سۇساي (شياۋشىگو)دا تۇرۇشلۇق جۇ جىڭ خانىم مۇنداق دېدى: «چاغان تۈگىگەندىن كېيىن، قارىماققا بايرامدا دەم ئالغاندەك قىلساقمۇ، لېكىن ئىشقا چۈشكەننىڭ 1-كۈنى ئۆزۈمنى چاغاننىڭ ئالدىدىكىدىنمۇ بەكرەك ھېرىپ كەتكەندەك ھېس قىلدىم، ئۇيقۇمغا پەقەت قانمايمەن، كەيپىياتىممۇ ناچار، بۇ دەم ئېلىش ھېچقانداق ئارام ئېلىش رولىنى ئۆتىگەندەك ئەمەس، بەلكى ئەكسىچە تېخىمۇ چارچاپ كەتتىم.»

  ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرى «بايرامدىن كېيىنكى ئۇنىۋېرسال كېسەللىك»كە گىرىپتار بولغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە مۇنداق مەسىلىھەت بەردى: بالدۇر ئۇخلاش، ناۋادا ئۇيقۇسى كەلمىسە، يەڭگىل مۇزىكىلارنى ئاڭلاپ بېرىش، كىتاب كۆرۈش، ئۆزىنىڭ تېنى ۋە كەيپىياتىنى تىنىچلاندۇرۇش، بالدۇر يېتىپ، بالدۇر تۇرۇش، چۈشتە نورمال ئۇخلىۋېلىش. يېمەكلىك جەھەتتە گۆشلۈك، قويۇق تاماق يېيىشتىن كۆكتات كۆپرەك، يەڭگىل تاماق يېيىشكە ئۆتۈش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆڭلىنى ئازادە تۇتۇش، كىنو-تېلېۋىزور، كىتاب كۆرگەندە ئىمكانقەدەر ئازادە، كىشىنى خۇش قىلىدىغان مەزمۇنلارنى تاللاش، ناۋادا بەدىنى ماغدۇرسىز بولسا، كۈندە مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىش، چېنىقىشنى پەقەت ياقتۇرمايدىغانلار بەدىنىنى ئۇۋۇلىتىش ۋە ئۇخلاشتىن بۇرۇن پۇتىنى ئىسسىق سۇغا چىلاش، شۇ ئارقىلىق بىئارامسىزلىقنى تۈگىتىش، ئەتىگەندە ئىشقا چىققاندا، كەچتە ئىشتىن چۈشكەندە ئىمكانقەدەر قاتناشنىڭ يۇقىرى مەزگىلىدىن ساقلىنىش، بولۇپمۇ ئەتىگەندە بالدۇرراق قوزغىلىپ ئىشقا بېرىش، شۇ ئارقىلىق يولدا توسۇلۇپ قېلىپ، بىر كۈنلۈك كەيپىياتىنىڭ تېخىمۇ ناچار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر