خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-فېۋرال، CBA ئادەتتىكى پەسىللىك مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 94گە قارشى 126 نومۇر بىلەن جېجياڭ چۇجوۋ بانكىسى كوماندىسىنى يەڭدى. بۇ مەيدان غەلىبىگە ئېرىشكەندىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسى ئورنى رەت تەرتىپى 6-ئورۇندا مۇقىملىنىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا پەسىلدىن كېيىنكى مۇسابىقىگە كىردى.
مۇسابىقىدىن كېيىن، شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تىرېنېرى لى چيۇپىڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈن بىزنىڭ مۇداپىئەمىز ئالدىنقى ھەر قانداق مۇسابىقىدىكىدىن ياخشى بولدى، كوماندا ئەزالىرى بۈگۈنكى مۇسابىقىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىنى تولۇق ھېس قىلىپ يەتكەچكە، مۇداپىئەدىمۇ ئىنتايىن ئاكتىپ بولدى. قارشى تەرەپنىڭ غوللۇق ئەزالىرىغا قارىتا بىزنىڭ نۇقتىلىق مۇداپىئەمىز ناھايىتى جايىدا بولدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى