باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 77–قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى

 ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34–يىغىنىنى 1–ئاينىڭ 18–كۈنى ئېچىش قارار قىلىندى

2018.01.17 13:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 1 – ئاينىڭ 15 – كۈنى 77 – قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنى ئاچتى. يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34 – يىغىنىنى 1 – ئاينىڭ 18 – كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىش قارار قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34 – يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش پىكرى قاراپ چىقىلدى. مۇدىرلار يىغىنىنىڭ تەكلىپ قارالمىسىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 34 – يىغىنىدا ‹‹ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىڭتۈەنگە مەمۇرىي فۇنكسىيە ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ھوقۇقىنى بېرىش توغرىسىدىكى قارار(لايىھە)›› قاراپ چىقىلىدۇ ، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنى ئېچىش ۋاقتى توغرىسىدىكى قارار(لايىھە) ۋە يىغىننىڭ قارالمىلىرى(لايىھە) قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 – يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپىنىڭ ئىسىملىكى(لايىھە)، سىرتتىن قاتناشقۇچىلار ئىسىملىكى(لايىھە) قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق 12 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 13 – نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى قاراپ چىقىلىدۇ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى(كۇپىيە) قاراپ چىقىلىدۇ، كادىرلارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش تەكلىپى قاراپ چىقىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ يۇڭمىڭ، چيەن جى، ھۆرىگۈل جاپپار، دۇڭ شىنگۇاڭ، جاڭ بو، نىجات سۇلتان، مانەن زەينەل، ئىنام نەسىردىن، باش كاتىپ ئەسقەر تۇرسۇن يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىرى، ھەرقايسى خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر