باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 2-دەرىجىدىن يۇقىرى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىدا كېسەللىك تۈرى بويىچە ھەق ئېلىش ئىسلاھاتى يولغا قويۇلىدۇ

100 كېسەللىك تۈرىدە ئەڭ يۇقىرى ھەق ئېلىشقا چەك قويۇلىدۇ

2018.01.10 16:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى 4-يانۋار بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، شۇ كۈندىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى 2-دەرىجىدىن يۇقىرى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ كېسەللىك تۈرى بويىچە ھەق ئېلىش ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى. تۇنجى تۈركۈمدىكى 100 كېسەللىك تۈرىدە ئەڭ يۇقىرى باھا ئۆلچىمى تەسىس قىلىش يولغا قويۇلدى.

  دوختۇرخانىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان تۈر بويىچە ھەق ئېلىشىغا ئوخشىمايدىغىنى، كېسەللىك تۈرى بويىچە ھەق ئېلىشتا كېسەللىك تۈرى ھەق ھېسابلاش ئۆلچىمى قىلىنىپ، بىمارلاردىن ھەق ئېلىنىدۇ، بۇ، بىمارنىڭ دوختۇرخانىدا ياتقان مەزگىلىدىكى دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاش قاتارلىق بارلىق چىقىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى بىمارنىڭ كېسەلخانىدا يېتىش، كېسەللىك تۈرى بويىچە داۋالىنىش تەرتىپى بويىچە قېلىپلاشقان دىياگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، ئاخىرىدا داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىققىچە بولغان پۈتۈن جەرياندا شەكىللەنگەن دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، ئوپىراتسىيە، ناركوز، تەكشۈرۈش، سىناق قىلىش، سىستېرا مۇلازىمىتى ۋە كۈتۈنۈش، كارىۋات، دورا، تېببىي ماتېرىيال قاتارلىق ھەر خىل چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى كېسەللىك تۈرى بويىچە ھەق ئېلىش ئىسلاھاتى يۈرگۈزۈلىدىغان 100 كېسەللىك تۈرى ئاساسلىقى دىئابېت، قوزغىلىشچان كانايچە زىققا ياللۇغى، جىددى خاراكتېرلىك سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، ئۆت ياللۇغى، ئۆتكە مونچاق گۆش ئۆسۈش، ئۆتكە تاش چۈشۈش، بەلباغسىمان قوقاق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  تەلەپ بويىچە، بۇ قېتىم بەلگىلەنگەن 100 كېسەللىك تۈرى بويىچە ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ھەق ئېلىشتىكى ئەڭ يۇقىرى چېكى بويىچە بولىدىكەن. ئوخشاش بىر كېسەللىكنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى دوختۇرخانىلاردىكى ھەق ئېلىش ئۆلچىمى دوختۇرخانىلارنىڭ دەرىجىسى بويىچە مۇئەييەن پەرق ساقلىنىدىكەن. 2-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنىڭ ھەق ئېلىش ئۆلچىمى 3-دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارغا قارىغاندا يۇقىرى چەك ئاساسىدا %10 تۆۋەن بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر