باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئىلگىرى -كېيىن بولۇپ نەچچە مىڭ نەپەر ئىنتىزام تەكشۈرۈش كادىرى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىلدى

كەنتلەرگە چۆكۈپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى يۈز تۇرانە ئاڭلاش (ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ)

2018.01.10 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ياخشىمۇ سىز، سىز ئىلگىرى ئىنكاس قىلىپ، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئالمىدىم، دېگەن مەسىلە، ھازىر ھەل بولدىمۇ؟»، «سىزگە قانچىلىك تولۇقلاپ بەردى؟»

  2017- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قەشقەر ۋىلايىتى پەيزىۋات ناھىيەسى قىزىلسۇ يېزىلىق گۇرىش كەنتىدە بىر مەيدان قار چۈشۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇ جاينىڭ تېمپېراتۇراسى نۆلدىن تۆۋەن 13 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشۈپ قالدى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى مېڭ شياڭجۇڭ بىر تەرەپتىن كەنت ئاھالىسى يۈسۈپجان تۇراقتىن مەسىلە سوراپ سۈرۈشتە قىلماقتا، يەنە بىر تەرەپتىن تەپسىلىي خاتىرلىمەكتە.

  مېڭ شياڭجۇڭ مۇنداق دېدى: «ئىستىل دۇرۇس بولماسلىق بىزنىڭ خىزمىتىمىزدىكى قەتئىي ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئەھۋال». ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 2017- يىلى يىل بېشىدا «سۆزنى ئۆگىنىش، ئىستىلنى ئۆزگەرتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش» مەخسۇس تۈردىكى پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغاندا بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشى، كىشىنى غەپلەتتىن ئويغاتتى.

  ئەھۋاللارغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدا، ئىستىل مەسىلىسىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىلىرى تۆۋەندىكىچە بولۇپ، ئۇلار بولسا، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتچىلىق، ئېپىكۇرېئىزم ۋە ھەشەمەتچىلىك خاھىشىدىن ئىبارەت «تۆت خاھىش» ۋە «كاززاپلىق»، قىلىدىغاننى قىلماسلىق، لاتاپەتچىلىك، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» دېگەندەك «تۆت كەيپىيات»تىن ئىبارەت. ئەگەر ئۇ «تۆت خاھىش» ۋە «تۆت كەيپىيات»نىڭ يامىراپ كېتىشى مەيلىگە قويۇۋېتىلسە، ئۇلار خۇددى بىر رەھىمسىز پىچاقتەك پارتىيە بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسى ئارىسىدىكى قان ۋە گۆش كەبى زىچ مۇناسىۋەتنى كېسىپ تاشلايدۇ.

  شىنجاڭنى بىر تاختا شاھمات دېسەك، جەنۇبىي شىنجاڭ مۇشۇ شاھماتنىڭ كۆزى. جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت ۋە بىر ئوبلاستتىن تەركىب تاپقان بۇ بىر تۇتاش كەڭ زىمىندا تولىمۇ نامرات جايلار بار بولۇپ، ئۇ جايلاردىكى كىشىلەرنىڭ قىيىنچىلىقلىرى ئەڭ گەۋدىلىك، زىددىيەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن، ھەمدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە قىيىن نۇقتىسى، شۇنداقلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئاساسىي جەڭگاھ، ھەم شۇنداقلا ئاممىۋى خىزمەتنىڭ ئاساسىي بازىرى.

  2017- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئاممىۋى خىزمەتكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئىلگىرىكىدەك پەقەت ئىشخانىدىلا ئولتۇرۇپ يىپ ئۇچىنى ساقلاشتىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېتىزغا بېرىپ يىپ ئۇچى ئىزدەشكە چۈشتى.

  بۇ قېتىم، ئالدىن خەۋەر قىلماي، ئۇقتۇرۇش قىلماي، لىنىيە بېكىتمەي، دوكلات ئاڭلىماي، ھەمراھ ئەگەشتۈرمەي، يېزا-كەنتلەرگە ۋە مەھەللىلەرگە بىۋاسىتە چۆكۈپ، كەنتلەرگە كېلىپ، ئۆيلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش؛ قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر، پېشقەدەم پارتىيە ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلارنى چوقۇم زىيارەت قىلىش ئوبيېكتى قىلىپ، «كۆرۈش، ئاڭلاش، پاراڭلىشىش، سوراش، تەكشۈرۈش، ئۆلچەش» دېگەندەك خىزمەت ئۇسۇللىرىدىن ھەر تەرەپلىمە پايدىلىنىپ، ئامما بىلەن يۈز تۇرانە پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاش؛ ئىش بېجىرىش كۆزنەكلىرى، كەنت ئىشلىرىنى ئاشكارىلاش تاختىلىرى ۋە كوچا-مەھەللىلەردىكى كۆزگە چېلىقىدىغان جايلاردا نازارەت قىلىش تاختىلىرى تەسىس قىلىش، نازارەت قىلىش تېلېفونلىرىنى ئېلان قىلىش، ئاممىنى مەسىلە ئىنكاس قىلىش ۋە ھەقىقىي ئەھۋالنى سۆزلەشكە سەپەرۋەر قىلىشتىن ئىبارەت يۇقىرىقىدەك جەھەتلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  قاغىلىق ناھىيەسى شىخشۇ يېزىسى باشچۆپ كەنتىنىڭ ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 300 كىلومېتىر، ئۇنىڭ ئۈستىگە، تاشيول تېخى ئۇلانمىغان بولسىمۇ، تەكشۈرۈش ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى يۇقىرى ئېگىزلىك تەسىرى ۋە نۆلدىن تۆۋەن 20 نەچچە سېلسىيە گىرادۇسلۇق قاتتىق سوغۇقنى يېڭىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، ئاپتوموبىلدا بېرىش، ئاتلىق ۋە ياكى پىيادە يۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئىككى كۈندە ئۇ يەرگە يېتىپ باردى.

  تەكشۈرۈش ـ يېتەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىگە غەمخورلۇق قىلىپ، قىسقىغىنا 15 كۈن ئىچىدە، قەشقەر ۋىلايىتىدىكى %99چە كەنتكە بېرىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولۇۋاتقان نەچچە مىڭ خىل ئىستىل مەسىلىسىنى يىغىپ توپلىدى ۋە قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلدى. مۇشۇ ئاساستا، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 19 ئېغىر نامرات ناھىيەدە نامراتلارنى يۆلەش ساھەسىدە ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە يوشۇرۇن ھالدا تەكشۈرۈش قىلىپ، 10 كۈن ئىچىدە جەمئىي 334 يېزا-بازاردىكى 804 كەنت (مەھەللە)نى بىر-بىرلەپ تەكشۈردى، 3909 ئائىلىدىكى 11مىڭ 300 ئاممىنى زىيارەت قىلىپ، مەسىلە يىپ ئۇچلىرىدىن 1147نى بايقىدى.

  بايقالغان مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى قەشقەردە ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئاچتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن ۋىلايەت ۋە ناھىيەلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ شۇجىلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ مەسئۇلىيەتنامە ئىمزالاشتى، ھەمدە يۈز تۇرانە بېجىرىشكە تاپشۇردى.

  ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، 1000دىن ئارتۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە مەمۇرىي تەپتىش كادىرلىرى ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇلار ئاپتونوم رايوندىكى بارلىق ناھىيە، شەھەر، يېزا-بازار ۋە كۆپلىگەن كەنت (مەھەللە) قاتارلىق يەرنى زىيارەت قىلدى. بايقىغان ۋە ئىنكاس تاپشۇرۇپ ئالغان مەسىلىلەر 30 مىڭغا يەتتى، بىر تەرەپ قىلىنغان پارتىيەلىك كادىرلار12 مىڭدىن ئاشتى. قولغا چۈشۈرۈلگەن دېلولارغا چېتىشلىق مەبلەغ 454 مىليون يۈەنگە يەتتى، ئۇنىڭدىن ئاممىغا قايتۇرۇلغان سانى 595 مىليون يۈەنگە يەتتى، تازىلانغان يەرلەر 40.32 موغا يەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر