خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4- يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى) «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى ئاياغلاشقان بولسىمۇ، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىسىنىڭ «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتى مەزگىلىدە ئورنىتىلغان چوڭقۇر دوستلۇقى ئۈزۈلۈپ قالمىدى.
1-يانۋار، باي ناھىيەسى باي بازىرى بەخت مەھەللىسىنىڭ كادىرى جاڭ جيەن (سولدىن 2-كىشى) گۈللۈك ئولتۇراق رايونىدىكى تۇغقىنى تۇرسۇن ئەمەتنىڭ ئۆيىدە كۈلكە سادالىرى ئىچىدە تۈگرە تۈگدى ۋە كۆچىلارغا بىرگە چىقىپ، گۆش ۋە كۆكتات سېتىۋېلىپ، بىر-بىرىگە تەقدىم قىلىشتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى