باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كۇلۇبى ئورگان تورىدا ئاۋگۇستو لىمانى قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

2018.01.04 15:46   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كۇلۇبى ئورگان تورىدا ئاۋگۇستو لىمانى قوشۇۋالغانلىقىنى ئېلان قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-يانۋار، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كۇلۇبى ئورگان تورىدا، چەت ئەللىك ۋاسكېتبول ماھىرى ئاۋگۇستو لىما ئۈرۈمچىدىكى شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئۇچار يولۋاس ۋاسكېتبول كۇلۇبى مەشىق لاگىرىغا يېتىپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ CBA ھاياتىنى باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  2017-يىلى 12-ئاينىڭ 28-كۈنى، شىنجاڭ گۇاڭخۈي ئۇچار يولۋاس ۋاسكېتبول كۇلۇبى ئاۋگۇستو لىما بىلەن توختاملاشقان بولۇپ، كۇلۇب ئەزا تىزىملىتىشقا لازىملىق خىزمەت ۋىزىسى، ئايدىڭلاشتۇرۇش خېتى قاتارلىق بارلىق رەسمىيەتلەرنى بېجىرىپ پۈتتۈردى، ئەمدى ئۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مۇسابىقە كىيىمىنى كىيىپ مەيدانغا چىقسىلا بولدى.

  ئاۋگۇستو لىما 1991-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان، بوي ئېگىزلىكى 2.08 مېتىر، ئېغىرلىقى 110 كىلوگرام، كوللىكتىپچانلىققا ئىگە ماھىر. مەيداندا مۇداپىئەگە ۋە گاردىن قايتقان توپقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. 2007-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، ئىسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ ئوينىغان، 2017-2016 مۇسابىقە پەسلىدە لىۋان ئا دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە، 2018-2017 مۇسابىقە پەسلىدە، تۈركىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە توپ ئوينىغان. 2016-يىلى ئىسپانىيە ئا دەرىجىكلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىدە چېمپىيون بولغان، 2017-يىلى لىتۋانىيە ئا دەرىجىكلەر ۋاسكېتبول بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى ۋە ئومۇمىي چېمپىيونى بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئىنگلىز تىلى ئىقتىدارىنى باھالاش ئۆلچىمى تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئوقۇش باسقۇچلىرىنى قاپلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق 11 تارماق بىرلىشىپ «ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ بوزەك قى…
    ·10 مىڭ ئوقۇتقۇچى شىزاڭ ۋە شىنجاڭغا ياردەمگە بېرىش ئالدىدا
    ·تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتى % 97.6كە يەتتى
    ·2018-يىللىق مەملىكەت بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدا قانۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارنى پاش قىلىش تېلېفونىنى …
    ·ئىچكىرىدىكى شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىنىڭ 9-تۈركۈم ئاتا-ئانىلار تەكشۈرۈش ۋەكىللەر ئۆمىكى بېيجىڭغا …
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى باشقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇردى
    ·مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: يەسلىلەر ئاتا- ئانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بالا تەربىيەلەش كېرەك
    ·ئىدىيە-سىياسىي خىزمەت ئالىي مەكتەپلەردە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى