باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول چاغانلىق يولۇچى توشۇش پويىز بېلىتى 3-يانۋاردىن باشلاپ سېتىلدى

2018.01.04 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ جۇڭگو ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ تۆمۈر يولى 2018-يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇشى 2-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلىنىپ، 3-ئاينىڭ 12-كۈنىگىچە 40 كۈن داۋاملىشىدىكەن. چاغانلىق يولۇچى توشۇش 1-كۈنىنىڭ بېلىتى ئىنتېرنېت تورى ۋە يانفون تېرمىنالى، تېلېفوندا سېتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەردە 3-يانۋاردىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلىغان، پويىز بېلىتى سېتىش كۆزنىكىدە (پويىز ئىستانسىسى ۋە ھەر قايسى ۋەكالىتەن سېتىش نۇقتىلىرى، ئاپتوماتىك بېلەت سېتىش ماشىنىسى قاتارلىقلاردا) 5-يانۋاردىن باشلاپ سېتىلىدىكەن.

  شىنجاڭ تۆمۈريولى يولۇچى توشۇش تارمىقى ئالاقىدار مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 2018-يىللىق چاغان ئاۋالقى يىللاردىكىدىن كېچىكىپ كەلگەن بولۇپ، چاغانلىق يولۇچى توشۇش ۋاقتىمۇ 2017-يىلىدىكىگە قارىغاندا 19 كۈن سۈرۈلىدىكەن. بۇ مەزگىلدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىشلىق تەتىللىك ئۆيىگە قايتىش ئېقىمى ئاساسەن ئاخىرلاشقان مەزگىل بولغاچقا، ئىشلەمچىلەرنىڭ چاغانلىق يۇرتىغا قايتىش ئېقىمى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالمايدىكەن. بۇ سەۋەبلىك بۇ يىللىق چاغانلىق يولۇچى توشۇش ئەھۋالى بۇلتۇرقىدىن ياخشى بولۇپ، ئىككى يۇقىرى ئېقىم بىر ۋاقىتقا توغرا كېلىپ قالمىغاچقا، قاتناش بېسىمى ئېشىپ كېتىشنىڭ ئالدى ئېلىنىدىكەن.

  بۇرۇنقى تەجرىبىلەرگە ئاساسلانغاندا، قەمەرىيە 12-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 29-كۈنىگىچە (2-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 14-كۈنىگىچە) پويىز بېلىتى ئىنتايىن قىس بولىدىكەن، بۇ بىر نەچچە كۈندە سەپەرگە چىقىدىغان يولۇچىلار 1-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 1-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە، ئىنتېرنېت تورى، يانفون تېرمىنالى ياكى تېلېفوندا بېلەت زاكاس قىلىش ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق بېلەت سېتىۋالسا قولايلىق بولىدىكەن. 1-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن باشلاپ، يولۇچىلار 2-ئاينىڭ 20-كۈنىنىڭ (قەمەرىيە 1-ئاينىڭ 5-كۈنى) چاغانلىق قايتىش بېلىتىنى سېتىۋالسا بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر