باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك كادىر ئىشچى-خىزمەتچىلەر يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ «قوشماقلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

2017.12.13 14:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-دېكابىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى ئىشچى-خىزمەتچىلىرى يۈك-تاقلىرىنى ئېلىپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ نەزەرباغ بازىرىدىكى كەنتتە تۇرۇشلۇق ئورۇندا «قوشماقلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى باشلىدى. ئۇلار مۇنداق دېيىشتى: كۆرگەنلىرىمىز ۋە تەسىراتىمىزغا بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ياردەم بېرىش، گۈزەل ھويلا قۇرۇشقا پايدىلىق تەكلىپ-پىكىرلەرنى بېرىمىز. كەنت ئاھالىلىرى بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىللە بولۇپ، ئۇيغۇرچە «19-قۇرۇلتاي دوكلاتى»، «پارتىيە نىزامنامىسى» ۋە «قوش تىللىق قانۇن قوللانمىسى» ھەمدە «گۈزەل خانىم-قىزلار - بەختلىك ئائىلە يۈرۈشلۈك كىتابلىرى»نى ھەربىر ئائىلە ئەزالىرىغا يەتكۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بارلىق كۈچىمىزنى ئىشقا سېلىپ تەشەببۇسكار بولۇپ، خىزمەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىمىز.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى روھىنى ئائىلىلەرگىچە تەشۋىق قىلىش، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن 12-ئايدا ئاپتونوم رايون بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «قوشماقلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇش، 11-دېكابىردىن دېكابىرنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى ھەردەرىجىلىك جايلار، تارماقلار، ئورۇنلاردىكى رەھبىرىي كادىرلار باشلامچى بولۇپ تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئاساسىي قاتلام كەنت ۋە مەھەللىلىرىگە بېرىش، يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ قوشماقلاشقان تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇش، ئامما نېمە يېسە كادىرمۇ شۇنى يېيىش، ھەركۈنى ئاممىغا تاماق پۇلى تاپشۇرۇش، ئامما بىلەن تاماقتا، يېتىپ-قوپۇشتا، ئەمگەكتە، ئۆگىنىشتە بىر ھەپتە بىللە بولۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت كادىر ئاممىسىنىڭ باردى-كەلدىسى، ئالاقىسى ۋە ئارىلىشىشىنى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاق، جەمئىيەت ئىناق چوڭ ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەدەبىي ئەمىنلىكى ئاساسىنى پۇختىلاشنى قارار قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر