باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسى 28- قېتىم ئۆگىنىش قىلدى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن- ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك

2017.12.11 16:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۆھرەت زاكىر 12- ئاينىڭ 8- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى مەركىزىي ئۆگىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2017- يىلىدىكى 28- قېتىملىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىدىكى ئالاقىدار مەزمۇنلارنى كوللېكتىپ ئۆگەندى ھەم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى ئەمەلىيىتىدە، يولداش شى جىنپىڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا يېڭى دەۋردە قانداق جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا قانداق چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ زور دەۋر تېمىسىغا سىستېمىلىق جاۋاب بەردى، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىنى ۋە ئالدىنقى مەزگىلدە نەشردىن چىققان «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1- تومىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 2- تومىنى ۋە ئالدىنقى مەزگىلدە نەشردىن چىققان «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1- تومىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئۆگىنىش، چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش نەتىجىلىرىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈشتىكى نوپۇزلۇق ئوقۇشلۇق قىلىپ، گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، چىڭ، ئەمەلىي، ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، پىرىنسىپىنى ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەينەن، ئۆز پېتى، سۆزمۇ سۆز، ئەتراپلىق، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، ئېتىقاد، ھېسسىيات، بۇرچ، مەسئۇلىيەت بىلەن ئۆگىنىپ، ئەستايىدىل، سىستېمىلىق ئۆگىنىش، خىزمەت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىقتىدارنى زور كۈچ بىلەن ئاشۇرۇپ، خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ خىزمەتلىرىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق ھۆكۈمىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى ھازىرقى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىدىيەۋى تونۇشىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە يولغا قويۇپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك تىل، يېقىشلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بىر قاتار مۇھىم ئىدىيە، مۇھىم قاراش، زور ھۆكۈم، زور تەدبىرلەرنى تەشۋىق قىلىپ، ئاممىغا چۈشەندۈرۈپ، ھېس قىلدۇرۇپ، ئەستە ساقلاتقۇزۇپ، ئىدىيەنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كۈچنى پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن ۋەزىپىلەرنى ئورۇنداشقا مۇجەسسەملىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭى پارتگۇرۇپپىسى ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ھۆكۈمەت بەنگۇڭتىڭىدىكى بارلىق كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى تۈركۈمگە بۆلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، «تۇغقانلىشىش ھەپتىلىكى» پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشى؛ قانۇن ۋە سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ياخشى ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، تۈرلۈك ئاماللارنى قوللىنىپ، ئامما ھەل قىلىشنى ئەڭ ئۈمىد قىلىدىغان، ئەڭ تەقەززا بولىدىغان، ھازىر ھەل قىلغىلى بولىدىغان قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى؛ مول مەزمۇنلۇق، تەربىيە ئەھمىيىتىگە ئىگە پائالىيەتلەر ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمەت لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كادىرلار ئىستىلىنى سىجىل ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئەل قەلبىنى مۇجەسسەملىشى، كۈچ توپلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر