باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدىكى يارقىن نۇقتىلار

2017.11.09 15:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى قۇرۇلۇشى دۆلىتىمىزنىڭ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تارىخىدىكى پەخىرلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، 2014- يىلى 26- دېكابىر قاتناش باشلانغان. بۇ يىل 7 - ئايدا باۋجى - لەنجۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، جۇڭگونىڭ يىپەك يولى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ ئەڭ غەربىدىكى بىر بۆلىكىگە ئايلىنىپ، بىۋاسىتە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدىغان بولدى.

  لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۇنيادا بىر قېتىمدا پۈتكەن مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن تۆمۈريول. لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى لەنجۇدىن يولغا چىقىپ، چىڭخەيدىكى شىنىڭ، گەنسۇدىكى جاڭيې، جيۇچۈەن، شىنجاڭدىكى تۇرپان قاتارلىق 39 ۋوگزالدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە كىرىدۇ. ئومۇمىي مۇساپىسى 1776 كىلومېتىر.

  لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۇنيادا چوڭ دائىرىدە چۆل - جەزىرىنى بېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريول. لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى غەربىي شىمالدىكى چۆل - جەزىرىلەرنى بېسىپ ئۆتكەن، ناچار تەبىئىي مۇھىتقا يۈزلەنگەن قۇرۇلۇش. قۇرۇلۇشقا قاتناشقان ئىشچى - خىزمەتچىلەر جاپا ۋە خەتەرگە قارىماي، پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ، چۆل - جەزىرىلىك رايوندىكى شېغىلسىز يولدا قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق نۇرغۇن دۇنيا خاراكتېرلىك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان.

  لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۇنيادا ئەڭ ئۇزۇن بورانلىق رايوننى بېسىپ ئۆتىدىغان تۆمۈريول. لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى شىنجاڭدا يەندۇن بوران رايونى، 100 چاقىرىملىق بوران رايونى، 30 چاقىرىملىق بوران رايونى ۋە داۋانچىڭ بوران رايونىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ بوران رايونىدىن ئۆتىدۇ. بوران كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان دائىرىدە يىلدا ئوتتۇرىچە سەككىز بالدىن يۇقىرى بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىغان كۈن 208 كۈنگە يېتىدۇ.

  لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۇنيا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تارىخىدا تۇنجى قېتىم بوراندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى تەسىس قىلىنغان تۆمۈريول. بورانلىق رايونلارنى ئوڭۇشلۇق بېسىپ ئۆتۈش ئۈچۈن، لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى بويىغا 462 كىلومېتىر دائىرىدە بوراندىن مۇداپىئەلىنىش سېپىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، شىنجاڭ بۆلىكىدىكى لىنىيە يولى ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقنىڭ ٪65 ىنى ئىگىلەيدۇ.

  لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۇنيادىكى ئېگىزلىك رايونىغا ياسالغان تۇنجى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول ھېسابلىنىدۇ. لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى ئېگىزلىكتە قۇرۇلۇش قىلغاندا دۇچ كېلىدىغان توڭ يەر ۋە قاتتىق سوغۇق قاتارلىق نۇرغۇن قىيىن مەسىلىلەرنى يېڭىپلا قالماستىن، بەلكى لايىھەدە تەبىئەتكە بويسۇنۇش ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، يەرلىكتىكى قىممەتلىك ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر قوغداپ قېلىنغان.

  بۇنىڭ ئىچىدە چىلەنشەن تېغى تونېلى «دۇنيا يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىدىكى تۇنجى ئېگىز تونېل» دەپ ئاتىلىدۇ. چىلەنشەن تېغى تونېلى پارچە ئېقىن ۋە سۈيى مول ئۈزۈلمە بەلباغلارنى كېسىپ ئۆتۈپ ئېگىزلىكتىكى توڭ يەردىن ئۆتىدۇ، بۇ جۇڭگو تۆمۈريول مىنىستىرلىقى بېكىتكەن «بىرىنچى دەرىجىلىك خەتەرلىك تونېل» ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە چىڭخەي بىلەن گەنسۇدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان چىلەنشەن تېغىدىكى 2 - نومۇرلۇق تونېلنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 9.49 كىلومېتىر، دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز يېرى 4345 مېتىرغا يېتىدۇ، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 800 مېتىردىن ئاشىدۇ، قېزىش كەسمە يۈزى 160 كىۋادرات مېتىرغا يېتىدۇ. بۇ دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز، قۇرۇلۇش ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى ۋە قۇرۇلۇش قىلىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ زور بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تونېلى ھېسابلىنىدۇ.

  لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى دۆلەتنىڭ غەربىي قىسىمنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ خىل دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىغاندىن سىرت، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى سەنشى، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا ۋە شىنجاڭدىن ئىبارەت غەربىي شىمالدىكى بەش ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك تىرانسپورت كاپالىتى ۋە مۇھىم قاتناش كارىدورى ھېسابلىنىدۇ.

  بۈگۈنكى كۈندە لەنجۇ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى مەملىكەتنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول تورىغا رەسمىي كىرگۈزۈلۈپ، غەربىي قىسىم بىلەن ئوتتۇرا - شەرقىي قىسىم رايونلىرىنىڭ ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگونىڭ يېڭى «يىپەك يولى»دا جانلىق ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، «يىپەك يولى» بويىدىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر