باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا 1-ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە ساياھەت بازىرى قىزىپ كەتتى

2017.10.10 16:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 8-ئۆكتەبىر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، 1-ئۆكتەبىر بايرىمىلىق دەم ئېلىشتا، شىنجاڭدا كۈتۈۋېلىنغان دۆلەت ئىچىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 8 مىليون 477 مىڭ 200 ئادەم قېتىمغا، دۆلەت ئىچى ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمال سومىسى 11 مىليارد 262 مىليون يۈەنگە يەتكەن. كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى ۋە ساياھەت ئومۇمىي ئىستېمال سوممىسىدا يېڭى تارىخىي رېكورت يارىتىلغان.

  قوش بايرام مەزگىلىدە، تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلىنىڭ كۈزلۈك ھاۋاسى ساپ ۋە سوغۇق بولۇپ، ساپ ھاۋا، رەڭگارەڭ گۈزەل مەنزىرىلەر ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە شەيدا قىلدى. ساياھەتچىلەر يان تېلېفونلىرىنى چىقىرىپ، بۇ گۈزەل مەنزىرىلەرگە قانمىغان ھالدا سۈرەتكە ئېلىشتى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە، تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى 59 مىڭ 599 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %28.69 ئاشقان، ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 35 مىليون 759 مىڭ 400 يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.6 ئاشقان.

  بۇ يىلقى ئۆكتەبىر بايرىمىلىق ئالتۇن ھەپتىلىك دۆلەت بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى بايرىمىدىن ئىبارەت ئىككى بايرامنىڭ بىرگە كېلىشى سەۋەبىدىن، «سەككىز كۈنلۈك ئالاھىدە دەم ئېلىش» ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىش ئىستىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن. بۇ دەم ئېلىشتا تەڭرىتاغ بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونىدا ئادەم كۆپ بولۇپلا قالماي، يەنە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كۆپلىگەن نۇقتىلىق ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى ۋە ساياھەت ئىستېمال سوممىسى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىنىلغان، بىر قىسىم ساياھەت نۇقتىلىرىدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى سانى ۋە ساياھەت ئىستېمال سوممىسىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر