باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدا بەش يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش كۆلىمى 15 مىليون 880 مىڭ موغا يەتتى

2017.10.10 10:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ليۇ دۇڭلەي خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا ئېچىلغان 2017–يىللىق سۇچىلىق بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدىكى بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات يىغىنغا قاتناشقانلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى: ھازىرغا قەدەر شىنجاڭدا(بىڭتۈەننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 50 مىليون 40 مىڭ موغا يەتكەن، 2012–يىلىدىن 2016–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 15 مىليون 880 مىڭ موغا يەتكەن.

  پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەشنى نىشانلىق، ئىستراتېگىيەلىك چوڭ ئىش قاتارىدا تۇتۇپ، سۇ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى باشقۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش ۋە مۇۋاپىق ئىشلىتىشنى ئەلالاشتۇردى؛ پەن–تېخنىكا ئارقىلىق سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاپ، تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەپ، پەن–تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سۇ باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى.

  بەش يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 15 مىليون 880 مىڭ موغا يەتتى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى ئومۇمىي سۇغىرىش كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %45ىنى ئىگىلىدى؛ سۇغىرىش سۈيىدىن پايدىلىنىش كوئېففىتسېنتى 2012–يىلىدىكى 0.49دىن 2016–يىلىدىكى 0.527گە يەتتى، ئومۇمىي سۇغىرىش مىقدارى 2012–يىلىدىكى ھەر موغا 680 كۇب مېتىردىن 2016–يىلىدىكى ھەر موغا 610 كۇب مېتىرغا تۆۋەنلىدى، ياخشىلانغان سۇغىرىش كۆلىمى 3 مىليون 800 مىڭ موغا يەتتى. 2017–يىلىدىلا ئاپتونوم رايونىمىزدىكى چوڭ، ئوتتۇرا سۇغىرىش رايونلىرىنىڭ سۇ تېجەشنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغا 3 مىليارد 372 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى. بۇ تەدبىرلەر يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىپ، دېھقان–چارۋىچىلارنىڭ بەخت تۇيغۇسىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى.

  بۇنىڭدىن باشقا، ئاپتونوم رايون يەنە سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى، سۇ مىقدارى سودا سۇپىسى قۇرۇپ، سۇ بايلىقىنىڭ تەڭپۇڭ تەقسىملىنىشىنى تەدرىجىي ئەلالاشتۇردى. يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تېجەلگەن سۇ مىقدارىنى تاۋار شەكلىدە سودىغا ئايلاندۇرۇپ، سۇ بايلىقى كەمچىل رايونلارنىڭ سۇ ئىشلىتىشىگە يېڭى يول ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.

  تۇرپان، قومۇل قاتارلىق جايلاردىكى سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى، سۇ باھاسى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ئاساسىدا، ئاپتونوم رايون سۇ باھاسىنى تۈرگە ئايرىش، نورمىدىن ئېشىپ كەتكىنىگە باھا قوشۇش، بايلىق سۇ ھەققى قاتارلىق پەرقلىق سۇ باھاسى سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇ بازىرى قۇرۇلۇشى سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى.

  بۈگۈنكى كۈندە ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىكىدە سۇ ئىشلىتىش ئومۇمىي مىقدارىنى تىزگىنلەش ۋە نورمىسىنى باشقۇرۇش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، دەل جايىدا بېرىلگەن تولۇقلىما ياردىمى ۋە سۇ تېجىگەنلەرنى مۇكاپاتلاش مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن تۇرغۇزۇلدى، يېزا ئىگىلىكىدە سۇ تېجەشتىكى ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكا تەدبىرلىرى ئومۇميۈزلۈك قوللىنىلدى، يېزا ئىگىلىكىدە تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسى ئەلالاشتۇرۇلدى ۋە تەڭشەلدى، يېزا ئىگىلىكىدە سۇدىن پايدىلىنىش ئۇسۇلى يىرىك باشقۇرۇشتىن تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىلدى. يېزا ئىگىلىكىدە ئىشلىتىلىدىغان سۇ بايلىقىنىڭ تەكشى تەقسىملىنىشكە قاراپ يۈزلىنىشى بىلەن بىللە، چوڭ سۇغىرىش رايونلىرى يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تېجەلگەن سۇنىڭ بىر قىسمىنى ئېكولوگىيەگە ئىشلەتتى. ئېكولوگىيە سۇ مىقدارىنىڭ يىلدىن–يىلغا ئېشىشى ۋە ھەۋزىلەرنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن، تارىم دەرياسىنىڭ سۇ سىستېمىسى بارا–بارا ئەسلىگە قايتىپ، تارىم دەرياسى بويىدىكى توغراقلىقلارمۇ قۇتقۇزۇپ قېلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر