باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا ئادەتتىكى سودا–سانائەت كەسپىگە ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان توكنىڭ باھاسى تۆۋەنلىتىلدى

2017.10.10 10:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 10–ئاينىڭ 7–كۈنى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ توك باھاسى قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشنى قارار قىلغان.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: 2017–يىلى 7–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئالتاي، تارباغاتاي، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قومۇل، ئاقسۇ، قەشقەر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە ئادەتتىكى سودا–سانائەت كەسپىگە ئىشلىتىلىدىغان ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى ھازىرقى باھا ئاساسىدا بىر تۇتاش ھالدا 4 لى چۈشۈرۈلىدۇ؛ ئىلى، تارباغاتاي، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان، قومۇل، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىبارەت سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىلىدىغان ھەر كىلوۋات سائەت توكنىڭ باھاسى بىر تۇتاش ھالدا 0.312 يۈەنگە چۈشۈرۈلىدۇ.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ يىل 4–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە توك باھاسىغا يانداشتۇرۇپ ئېلىنىدىغان شەھەر جامائەت ئىشلىرى قوشۇمچە ھەققى بىكار قىلىنغان. شىنجاڭدىكى ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرى ئادەتتىكى سودا–سانائەت ۋە يېزا ئىگىلىك ئابۇنىچىلىرىدىن توك ھەققىنى يىغقاندا 4–ئايدىن 6–ئايغىچە بولغان شەھەر جامائەت ئىشلىرى قوشۇمچە ھەققىنى چىقىرىۋەتكەن. ئاپتونوم رايون ئېلېكتىر تورى كارخانىلىرىغا بەش ئاي باھانى تەڭشەش ئۆتكۈنچى مەزگىلى بېرىپ، ئۇلاردىن 2018–يىلى 3–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن بۇرۇن ئۆتكۈنچى مەزگىلدىكى توكنىڭ باھا پەرقىنى ئېنىقلاپ قايتۇرۇش خىزمىتىنى تاماملاشنى تەلەپ قىلغان.

  ئۇقتۇرۇشتا يەنە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: بۇ يىل 7–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى ئېلېكتىر تورى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سۇ ئامبىرى رايونلىرىدىن كۆچۈرۈلگەن ئاھالىلەرنىڭ كېيىنكى مەزگىللىك يۆلەش فوندىنى يىغىش ئۆلچىمىنى ھەر كىلوۋات سائەت توكقا 2.1 لى قىلىپ تەڭشەيدۇ، توك سېتىش باھاسىدىن چىقىرىلغان توك باھاسى بوشلۇقى بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەت كۆمۈر يېقىلغۇ قىلىنىپ چىقىرىلغان توكنىڭ باھا ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ئۆلچەملىك توك باھاسى قۇرۇلمىسىنى مۇزاكىرە قىلىپ تەڭشەپ، تورغا يوللانغان توك باھاسى زىددىيىتىنى راۋانلاشتۇرغان ۋاقىتتا بىر تۇتاش ئىشلىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر