باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ2 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلدى

2017.09.30 14:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، بەش يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ 2 مىليارت 500 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، 2 مىليون 600 مىڭدىن ئارتۇق يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلغان.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 2012-يىلىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون سېلىنمىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتكەن، ئاپتونوم رايون بويىچە 2 مىليارت 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى قۇرۇلۇشىكۈچەيتىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە مەركەز مالىيەسىدىن 1 مىليارت 500 مىليون يۈەن، ئاپتونوم رايون مالىيەسىدىن 790 مىليون يۈەن ئاجىرىتىلغان، يەرلىك 210 مىليون يۈەن مەبلەغ توپلىغان. 2012-يىلىدىن 2016-يىلىغىچە، يېڭىدىن قۇرۇلغان، كۆڭەيتىپ قۇرۇلغان يېزىلارنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك تۈرى 489غا يېتىپ، 2 مىليون 600 مىڭ يېزا ئاھالىسىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنغان. پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزىلىرىدىكى بىخەتەر سۇ ئىچىدىغان نوپۇس 8 مىليونغا يېتىپ، يېزا ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ %60.25نى ئىگىلىگەن.

  ھازىر ئاپتونوم رايون ناھىيە دەرىجىلىك سۇ سۈپىتىنى تەكۈرۈش مەركىزىدىن 90 نى قۇردى، سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش خادىمىدىن 400 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تەربىيەلەپ، سەھىيە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تارماقلىرى قەرەللىك تەكشۈرۈش، سۇ زاۋۇتلىرى كۈندىلىك ئۆزىنى تەكشۈرۈشتەك سۇ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش قېلىپىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر