باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لوپ ناھىيەسى ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرماقتا

2017.09.30 14:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيەسى ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرماقتا.

  لوپ ناھىيەسى لوپ بازىرى قىرقاش كەنتى ۋە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى كەنتتىكى دېھقانلارنى ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشقا بىرلىكتە تەشكىللەپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۆرىنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئاممىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

  ئارقا ھويلا ۋە بىكار يەرلەرگە كۆكتات تېرىش، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى شۇ جاينىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تۈزگەن سېلىنما ئاز كېتىدىغان، تېز ئۈنۈم كۆرۈلىدىغان، پايدىسى ياخشى بولغان نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش لايىھەسى، خىزمەت ئەترىتى شۇ جايدىكى فونكسىيەلىك تارماقلارنى نامرات ئائىلىلەرگە ئۆسۈمسىز ئايلانما قەرىز بېرىشكە ماسلاشتۇرۇش، نامراتلارنى يۆلەش مەخسۇس مەبلىغى بىلەن «نامرات ئائىلىلەر باقمىچىلىق كوپراتىپى» تەشكىللەشنى ئىلتىماس قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق نامرات دېھقان ئائىلىلەردىكى كىشىلەرنى شۇ يەردە ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئۆز يېرىدە كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىدى.

  قىرقاش كەنتىنىڭ بوغالتېرى تۇر مەمەتسادىر مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە قوي-كالا قوتانلىرىنى، ھويلا-ئاراملارنى، باغلارنى ئۆزگەرتىش، ئائىلە باقمىچىلىقى، قول ھۈنەر-سەنئىتى بىلەن يۆلەش قاتارلىق نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش مەخسۇس مەبلىغى ۋە ئۆسۈمسىز ئايلانما قەرىز ئەمەلىيلەشتى، تىزىمغا ئېلىنغان 156 نامرات ئائىلىدىكى 315 كىشى بۇنىڭدىن نەپ ئالدى.

  قىرقاش كەنتىدىكى ئابدۇجېلىل ئۆتكەن يىلى سىناق تەرىقىسىدە بەرەڭگە، پەمىدۇر، پېدىگەن تېرىپ، خېلى يامان ئەمەس كىرىم قىلدى، بولۇپمۇ 20 كىۋادمېتىرغىمۇ يەتمەيدىغان يەرگە پېدىگەن تېرىپ، يازدىن تارتىپ 10-ئايغىچە 600 يۈەنلىك پېدىگەن ساتقان، مۇشۇنداق پايدا ئابدۇجېلىل ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى ھويلا-ئارام ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش ئىشەنچىگە ئىگە قىلدى.

  تۇر مەمەتسادىر مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھەر يىلى كۆكتات سېتىۋېلىشقا 2000 يۈەندەك چىقىم قىلاتتۇق، ھازىر ئۆز بېغىمىزغىلا كۆكتات تېرىغاچقا، كۆكتاتلارنى بازاردا سېتىپ كىرىمىمىزنى ئاشۇرۇپ قالماي، يەنە ئىلگىرىكى كۆكتات سېتىۋېلىشقا كېتىدىغان پۇللارنى تېجەپ قالدۇق، ئائىلەمنىڭ ھەم پۇل تېجەيدىغان، ھەم پۇل تاپىدىغان بېغىم بار بولدى.

  ھازىرغىچە، قىرقاش كەنتىدىكى كۆپراتىپ 2016-يىلىنىڭ ئاخىرى ۋە 2017-يىلى 6-ئايدا ئىككى قېتىم دارامەت تارقىتىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە مۇنەۋۋەر كوپراتىپ بولۇپ قالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر