- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش
شىنجاڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئون تىپىك دېلونى ئېلان قىلدى
2017.09.22 14:40 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى يېقىندا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ ئون تىپىك دېلونى ئاشكارا ئېلان قىلدى. بۇ دېلولار ئايرىم- ئايرىم ھالدا:
بىرىنچى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر ليۇ يانۇڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىش مەسىلىسى. ليۇ يانۇڭ ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان مەزگىلدە باشقۇرىدىغان ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوبيېكتلارنىڭ مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن سوۋغا قىلغان 85 مىڭ يۈەن قىممىتىدىكى مال سېتىۋېلىش كارتىسى، «نىكون» ماركىلىق فوتو ئاپپارات لىنزىسى قاتارلىق بۇيۇملارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، ليۇ يانۇڭنىڭ يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىمۇ بار. 2017- يىلى 8- ئايدا ليۇ يانۇڭغا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى ھەم ئۇ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
ئىككىنچى، ئاتۇش شەھەرلىك يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزىنىڭ سابىق مۇدىرى مىجىت ئابلىمىتنىڭ ئىشخانىسىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىش مەسىلىسى. مىجىت ئابلىمىت ئىشخانىلارنى ئېنىقلاش ئىنتىزامىنىڭ تەلىپىگە پىسەنت قىلماي، كۆلىمى 36.29 كىۋادرات مېتىرلىق ئىشخانىنى ئىشلەتكەن، بۇ بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن بىر ھەسسە ئېشىپ كەتكەن. بۇنىڭدىن سىرت، مىجىت ئابلىمىتنىڭ يەنە ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىمۇ بار. 2017 - يىلى 8- ئايدا مىجىت ئابلىمىتقا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى ھەم ئۇ ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
ئۈچىنچى، يەكەن ناھىيەسى بەشكەنت بازىرىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى تۇرسۇنجان تالىپنىڭ باشقۇرىدىغان ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوبيېكتىنى شەخسىي ئىستېمالىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق مەسىلىسى. 2016- يىلى تۇرسۇنجان تالىپ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزىنىڭ تاماق، كۆڭۈل ئېچىش، شەخسىي ئاپتوموبىلىغا ماي قاچىلاش ھەققى قاتارلىق 27 مىڭ 600 يۈەن چىقىمىنى ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى قۇرۇلۇشى ھۆددىگەرلىرىگە تۆلەتكۈزگەن؛ تۇغقانلىرى توي قىلغاندا باشقۇرىدىغان ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوبيېكتلىرىنى تويغا چاقىرغان ھەم 3500 يۈەن سوۋغات پۇل قوبۇل قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت، تۇرسۇنجان تالىپنىڭ يەنە ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىلىرىمۇ بار. 2017- يىلى 8- ئايدا تۇرسۇنجان تالىپقا پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىش، خىزمەتتىن ھەيدەش جازاسى بېرىلدى.
تۆتىنچى، باغراش ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى، ياشانغانلار ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى باۋ لۇدۇنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا سوۋغات بېرىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013- يىلىدىن 2015- يىلىغىچە باۋ لۇدۇ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر بىلەن مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت پۇلىدىن 153 مىڭ 200 يۈەن چىقىم قىلىپ، پەرداز بۇيۇمى، يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلغان؛ ئاپتونوم رايوننىڭ «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلى سەپلەشنى باشقۇرۇش چارىسى»گە خىلاپلىق قىلىپ، نورمىدىن ئاشۇرۇپ بىر دالا ئاپتوموبىلى سېتىۋالغان. 2017- يىلى 7- ئايدا باۋ لۇدۇغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.
بەشىنچى، ماناس ناھىيەلىك مەدەنىيەت- ساياھەت- رادىيو- كىنو- تېلېۋىزىيە- ئاخبارات- نەشرىيات ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خېي شياۋخۇڭنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا سوۋغات، سوۋغات پۇل قوبۇل قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2014- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە خېي شياۋخۇڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، باشقۇرىدىغان ۋە مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوبيېكتلار مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن سوۋغا قىلغان پۇل، ئىستېمال كارتىسى قاتارلىق (خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا جەمئىي 43 مىڭ 800 يۈەن)لارنى قوبۇل قىلغان؛ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا 8600 يۈەن كاماندىروپكا پۇلىنى ئاتچوت قىلغان. 2017- يىلى 8- ئايدا خېي شياۋخۇڭغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.
ئالتىنچى، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك ئىقتىساد ۋە تەرەققىيات كومىتېتى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى ساۋ جېنچۈننىڭ ھۆكۈمەت ئىشىدا ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ كۈتۈۋېلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2015- يىلىدىن 2017- يىلىغىچە ساۋ جېنچۈن «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىشى بويىچە كۈتۈۋېلىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»گە خىلاپلىق قىلىپ، كۆپ قېتىم ھۆكۈمەت ئىشى بويىچە كۈتۈۋالغاندا مېھمانلارنى ئالىي دەرىجىلىك يۇمشاق قاپلىق جۇڭخۇا تاماكىسى ۋە ئالاھىدە تەمىنلىنىدىغان شەندۇڭ دېڭىز ئادەمگىياھى، لياۋنىڭ دېڭىز ئادەمگىياھى، سەدەپ قورۇمىسى، كۇلى بىھىسى ئارىلاشتۇرۇلغان خىئونى قۇلۇلىسى دۈملىمىسى قاتارلىق ئالىي دەرىجىلىك قورۇمىلار بىلەن كۈتكەن؛ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، 33 مىڭ 700 يۈەن ھۆكۈمەت پۇلىغا ئالىي دەرىجىلىك تاماكا، ھاراق سېتىۋېلىپ سوۋغا قىلغان. 2017- يىلى 8- ئايدا ساۋ جېنچۈنگە پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن، مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش جازاسى بېرىلدى.
يەتتىنچى، قومۇل شەھەرلىك خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ياۋ ۋېنگاڭنىڭ ساياھەت چىقىمىنى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ئاتچوت قىلىش قاتارلىق مەسىلىسى. 2013- يىلىدىن 2014- يىلىغىچە ياۋ ۋېنگاڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىدارىدىكى ئالتە كادىر شەخسىي ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ساياھەت قىلغان چىقىم(15 مىڭ يۈەن)نى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ئاتچوت قىلغان؛ 56 مىڭ 900 يۈەن ھۆكۈمەت پۇلىغا تاماكا، ھاراق قاتارلىقلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆكۈمەت ئىشى بويىچە كۈتۈۋېلىشقا ئىشلەتكەن. 2017- يىلى 8- ئايدا ياۋ ۋېنگاڭغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.
سەككىزىنچى، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن دوختۇرخانا باشلىقى باقتىباي مايقادىرنىڭ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن شەخسىي قاتناش چىقىمىنى ئاتچوت قىلىش مەسىلىسى. 2015- يىلى باقتىباي مايقادىر ئۈرۈمچى، جېڭجۇ شەھىرىدىكى كەسپىي تەربىيەلىنىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بېيجىڭ شەھىرى قاتارلىق جايلارنى ئايلىنىپ، ئۇرۇق- تۇغقان ۋە دوست- بۇرادەرلىرىنى يوقلىغان، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا شەخسىي ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك قاتناش چىقىمى قاتارلىق (جەمئىي 10 مىڭ يۈەن)لارنى ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن ئاتچوت قىلغان. 2017- يىلى 8- ئايدا باقتىباي مايقادىرغا پارتىيە ئىچىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى.
توققۇزىنچى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق ج خ ئىدارىسىنىڭ خەلق ساقچىسى كۇ ۋېينىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى ئىشلىتىش مەسىلىسى. 2017- يىلى 7- ئايدا كۇ ۋېي بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىدارىنىڭ ساقچى ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ دوستىنى تاماققا ئېلىپ بارغان ھەم ئاپتوموبىل ھەيدەش جەريانىدا بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ساقچى گۈدۈكىنى ئىشلەتكەن. 2017- يىلى 7- ئايدا كۇ ۋېيغا چوڭ گۇناھ يېزىش چارىسى كۆرۈلدى.
ئونىنچى، بۇرچىن ناھىيەلىك ئاشلىق ئىدارىسى ھەربىي ئاشلىق تەمىنلەش پونكىتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چياڭنىڭ ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ- ئىچىش مەسىلىسى. 2016- يىلى ۋاڭ چياڭ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئىككى قېتىم 1300 يۈەن چىقىم قىلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا يەپ- ئىچكەن ھەم «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدە ھۆكۈمەت ئىشى بويىچە كۈتۈۋېلىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»گە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆكۈمەت پۇلىغا تاماكا سېتىۋالغان. 2017- يىلى 8- ئايدا ۋاڭ چياڭغا گۇناھ يېزىش چارىسى كۆرۈلدى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى سىياسىي ئورنىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، تاشقا مۆھۈر باسقاندەك جاسارەت بىلەن، ھەر بىر تۈگۈن- نۇقتىدا چىڭ تۇردى، مەسىلىلەرنى بىرمۇ بىر ھەل قىلدى، بالدۇر تۇتتى، كىچىكىدە تۇتتى، بۇنىڭ بىلەن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئىستىلى ئىزچىل ياخشىلىنىپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆستى. ئەمما يەنە ئاز ساندىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تونۇشى يېتەرلىك بولمىدى، ئۇلارنىڭ ئىدىيەسىگە راھەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك چوڭقۇر سىڭگەن بولۇپ، تەلەي سىناپ، قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىپ، ئىنتىزامنىڭ قىزىل سىزىقىغا چېقىلدى.
دۆلەت بايرىمى، تاۋۇز چاغىنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش ئورگانلىرى ئىدىيە- تونۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، «ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە ئورنىتىش»نى قاتتىق سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇتۇش ئىرادىسى، ئۇزاققىچە چىڭ تۇتۇش سەۋرچانلىقىنى ساقلاپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئاخىرىغىچە چىڭ تۇتۇشى كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش، سوۋغات قوبۇل قىلىش، سوۋغا قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مېھمان قىلىش، ھۆكۈمەت ئاپتوموبىلىنى شەخسىي ئىشىغا ئىشلىتىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا مال سېتىۋېلىش، ھۆكۈمەت پۇلىغا ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئاسان يۈز بېرىدىغان، كۆپ يۈز بېرىدىغان مەسىلىلەرگە، «ھالقىلىق ئاز سانلىقلار»غا كۆز- قۇلاق بولۇپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتلىك فۇنكسىيەلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن تەكشۈرۈپ، نازارەت قىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، نازارەت قىلىش- تەكشۈرۈشنى ئىزچىل قانات يايدۇرۇشى كېرەك. قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارغا قارىتا «بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش» ۋە «بىر دەرىجە يۇقىرىغىچە سۈرۈشتۈرۈش»تە، ئىسمىنى ئاتاپ ئاشكارا ئېلان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلغانلارنى چوقۇم سۈرۈشتۈرۈش، ئىنتىزامنى چوقۇم قاتتىق ئىجرا قىلىش، كەينىگە بارغانسېرى تېخىمۇ قاتتىق بولغان كۈچلۈك سىگنالنى چېلىپ، جۈرئەت قىلالمايدىغان، بىلىپ توختايدىغان كەيپىياتنى كۈچەيتىپ، قاراپ بېقىش ئىدىيەسى ۋە تەلەي سىناش نىيىتىنى تەلتۆكۈس تۈگىتىپ، يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىشنى چوڭقۇر تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىغا لاياقەتلىك جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر