باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۆلچەمنى پۇختا ئىگىلەپ، توغرا پەرقلەندۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تارتىپ چىقىرايلى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپپارات- ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مۇختەر مەمەت

2017.09.22 14:38         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بېكىتكەن شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تىرىشماقتا. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھەل قىلغۇچ كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدىغان ھالقىلىق پەيتتە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ، توغرا پەرقلەندۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنىدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي تارتىپ چىقىرىشىمىز كېرەك.

  «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ھىيلىگەر بولسىمۇ، ئۇلارنى پەرقلەندۈرگىلى بولىدۇ. بىز ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، سۆزى، ھەرىكىتىگە زەن سېلىشىمىز، نىيىتىنى بىلىشىمىز، بولۇپمۇ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش، نازارەت قىلىش جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، كادىرلار قوشۇنىغا يوشۇرۇنۇۋالغان «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پەرقلەندۈرۈشىمىز ۋە پاش قىلىشىمىز، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئۇلارنى ئايرىپ چىقىپ، تازىلاپ، تەلتۆكۈس يوقىتىشىمىز كېرەك. ھازىرقى كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، بىر كادىرنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچى» ياكى ئەمەسلىكى، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» قىلمىشىنىڭ بار- يوقلۇقىنى «ئۈچكە قاراش»، «ئۈچنى ئاڭلاش»، «ئۈچ جەھەتتە باھالاش» ئارقىلىق ئۇنىۋېرسال دەڭسەش ۋە باھالاش كېرەك.

  بىرىنچى، «ئۈچكە قاراش». سىياسىي يۈكسەكلىكىگە قاراش كېرەك. ئاساسلىقى كوممۇنىستىك غايە- ئېتىقادىنى تۇرغۇزغان- تۇرغۇزمىغانلىقىغا، سىياسىي يۆنىلىشىنىڭ توغرا- خاتالىقىغا، سىياسىي مەيدانىنىڭ مۇستەھكەم بولغان- بولمىغانلىقىغا، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامىغا رىئايە قىلغان- قىلمىغانلىقىغا، پارتىيەگە سادىق بولغان- بولمىغانلىقىغا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن قەتئىي بىردەك بولغان- بولمىغانلىقىغا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغدىغان- قوغدىمىغانلىقىغا قاراش كېرەك؛ ئىدىيەۋى ئەھۋالىغا قاراش كېرەك. ئىدىيەدە ماركسىزملىق «بەش قاراش»نى مۇستەھكەم تۇرغۇزغان- تۇرغۇزمىغانلىقىغا، پارتىيە رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلغان- قىلمىغانلىقىغا، پارتىيەنىڭ مىللەت- دىن سىياسىتىنى ئىجرا قىلغان- قىلمىغانلىقىغا، «بەشنى تونۇش»تا مۇستەھكەم بولغان- بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك؛ ئەمەلىي ئىپادىسىگە قاراش كېرەك. سۆزىگە زەن سېلىش، ئەڭ مۇھىمى ھەرىكىتىگە زەن سېلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرغان- ئىزچىللاشتۇرمىغانلىقى، قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرگەن- ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلىكىگە، بولۇپمۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىرلىرىنى شەرتسىز ئىجرا قىلغان- قىلمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىن ئىبارەت كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان جايدا، يەنە كادىرلارنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى قانداق ئىشلىگەنلىكىگە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ جان تومۇرى يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ تونۇغان- تونۇمىغانلىقى، مۇئامىلە قىلغان- قىلمىغانلىقىغا، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل قانات يايدۇرغان- يايدۇرمىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

  ئىككىنچى، «ئۈچنى ئاڭلاش». تەشكىلنىڭ باھاسىنى ئاڭلاش. تەشكىلنىڭ بىر كادىرغا بولغان چۈشىنىشى نىسبەتەن ئوبيېكتىپ، ئومۇميۈزلۈك بولىدۇ، تەشكىلنىڭ پىكرىنى كادىرنى باھالاشتىكى مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، مەمۇرىي تەپتىش تارماقلىرىغا ئىنكاس قىلىنغان كادىرلار مەسىلىسىنىڭ يىپ ئۇچىنى ئەستايىدىل مۇھاكىمە قىلىپ ھۆكۈم قىلىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ ۋە ئىلگىرى خىزمەت قىلغان جايدىكى رەھبەرنىڭ باھالاش پىكرىنى ئاڭلاش كېرەك؛ ئاممىنىڭ ئىنكاسىنى ئاڭلاش. ئاممىنىڭ پىكرىنى مۇھىم پايدىلانما قىلىش كېرەك؛ دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ بىلدۈرگەن پوزىتسىيەسىنى ئاڭلاش كېرەك. كادىرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرگەن- بىلدۈرمىگەنلىكى، پوزىتسىيەسىنىڭ روشەن، مەيدانىنىڭ ئېنىق بولغان- بولمىغانلىقىغا قاراش كېرەك. بىر كىشىنىڭ ئالدىدا نېمە دېگەنلىكىگىلا ئەمەس، مۇھىمى ئارقىدا نېمە دېگەنلىكىگە زەن سېلىش، نېمە قىلغانلىقىغا قاراش كېرەك.

  ئۈچىنچى، «ئۈچ جەھەتتە باھالاش». سىياسىي جەھەتتە باھالاش. ئاساسلىقى سىياسىي ئېڭىنىڭ يۇقىرى بولغان- بولمىغانلىقىغا، سىياسىي پەزىلىتىنىڭ پىشقان- پىشمىغانلىقىغا، سىياسىي قائىدە ۋە سىياسىي ئىنتىزامغا رىئايە قىلغان- قىلمىغانلىقىغا، تەشكىلىي پىرىنسىپقا ئەمەل قىلغان- قىلمىغانلىقىغا، سىياسىي جەھەتتە ھەقىقىي سەگەك بولغان- بولمىغانلىقىغا قاراش، بولۇپمۇ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىشنى بىر كادىرنىڭ سىياسىي جەھەتتە لاياقەتلىك ياكى لاياقەتلىك ئەمەسلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم ئۆلچەم قىلىش كېرەك؛ ساداقەتمەنلىك جەھەتتە باھالاش. پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولۇش تۈپ سىياسىي تەلەپ، كادىرلارنىڭ ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا، ھەر مىللەت خەلققە سادىق بولغان- بولمىغانلىقىغا، پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈپ، پارتىيەنى ھىمايە قىلىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەلىكلەر پارتىيە ئۈچۈن سۆزلەش، پارتىيەلىكلەر پارتىيەنىڭ غېمىنى يېيىش، پارتىيەلىكلەر پارتىيە ئىشلىرىنى كۆزلەشنى ئىشقا ئاشۇرغان- ئاشۇرمىغانلىقىغا قاراش، «كومپارتىيەنىڭ تۇزىنى يەپ، تۇزلۇقىنى چاقىدىغان كىشىلەر»نى قەتئىي يوقىتىش كېرەك؛ خىزمەت جەھەتتە باھالاش. چىقارغان قارارى، ئادا قىلغان خىزمىتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغان- بولمىغانلىقى، ۋاقىتنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان- بېرەلمەيدىغانلىقىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش كېرەك، شۇنداقلا يەنە «سەككىز سائەتنىڭ سىرتى»دىكى ئىپادىسىگە، قانداق قىزىقىشىنىڭ بارلىقىغا، ھەۋىسىنىڭ ئالىيجاناب بولغان- بولمىغانلىقىغا، ئالاقە چەمبىرىكىنىڭ ساپ بولغان- بولمىغانلىقىغا قاراش، خىزمەت ۋاقتىدا ياخشى پارتىيە ئەزاسى، ياخشى كادىر سىياقىغا كىرىۋېلىپ، ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن قۇلاق كەستىلەر، ھەتتا بۆلگۈنچىلەر بىلەن ئېغىز- بۇرۇن يالىشىدىغانلارنى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر قاتارىدا قەتئىي قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك.

  «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان تۇپراقنى قەتئىي، تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك.

  ئىدىيە جەھەتتە مەنبەدىن ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسى، سەپسەتىسىنى زور كۈچ بىلەن پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، مەنبەدىن ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئەستايىدىل، ئىلمىي تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرگە ئېنىق بىلدۈرۈش كېرەك. قىسمەن پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ تونۇشىدىكى خاتا چۈشەنچىنى تۈگىتىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر مەۋجۇت بولۇشنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى يوقىتىش كېرەك؛ تەشۋىق- تەربىيە سالمىقىنى زورايتىپ، كادىرلار ۋە ئاممىدا توغرا بولغان «بەش قاراش»نى يېتىلدۈرۈپ، «بەشنى تونۇش»نى كۈچەيتىشىمىز، ئايرىم كىشىلەر تارىختا يوقالغان تۈركىي قەبىلىلەردىن مىللەتنىڭ يىلتىزىنى، چەت ئەلدىن مەدەنىيەت تونۇشىنى ئىزدەيدىغان ئىنتايىن بىمەنە قىلمىشلارنى قەتئىي تۈزىتىشىمىز كېرەك؛ ئىدىيەۋى- سىياسىي تەربىيەنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بارلىق ئۇيغۇرغا شۇنى بىلدۈرۈش كېرەككى: ئۇيغۇرلار ئېلىمىزدىكى باشقا 55 مىللەتكە ئوخشاشلا ئەلمىساقتىن جۇڭخۇا مىللىتى بۈيۈك ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، شىنجاڭ ئەزەلدىن ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتىدىن ئىبارەت بۈيۈك ئائىلىدە تەقدىرداش بولۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلغاندىلا، كەلگۈسى گۈزەل بولىدۇ.

  سىياسىي جەھەتتە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنىڭ تەسىرىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، كادىرلارنى تەربىيەلەش، تاللاپ ئۆستۈرۈشتە پارتىيە ئىشلىرىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى تاللاپ ئىشقا قويۇش، سىياسىي مەيدانىنى تەكشۈرۈشكە نۇقتىلىق ئەھمىيەت بېرىپ، سىياسىيدا كۈچلۈك، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان كادىرلارنى، بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى ئۆستۈرۈپ تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، ئۇلارغا تولۇق ئىشىنىپ، مۇھىم ۋەزىپىنى تاپشۇرۇش، روشەن بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشى ئارقىلىق بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە تېخىمۇ كۈچلۈك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك؛ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە تەۋرەنگەن، پوزىتسيەسى مۈجمەل، «ئىككى يۈزلىمىچىلىك» سۆز- ھەرىكەتلىرىدە بولغان كىشىلەرنى مۇھىم ئورۇندىن ۋاقتىدا يۆتكىۋېتىش، تەشكىلىي جەھەتتە بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئىنتىزام جازاسى بېرىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ قالدۇق زەھىرىنى ۋاقتىدا تازىلاپ، سىياسىي، ئىدىيە جەھەتتە پەيدا قىلغان ناچار تەسىرىنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك.

  جەمئىيەت قاتلىمىدا «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە بوشلۇق قالدۇرماسلىق كېرەك. كادىرلار، ئامما «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پاش قىلىدىغان، تەنقىدلەيدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، كادىرلارنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلار بىلەن ئاممىنى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى پائال پاش قىلىش، ئاشكارىلاشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك. بۇ قېتىمقى «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر بىلەن بولغان بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ھايات- ماماتلىق كۈرىشىدە، مەن باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئەتراپىمدىكى «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى دادىل پاش قىلىمەن، ئۇلار خىزمەتدىشىم، دوستۇم، ھەتتا ئۇرۇق- تۇغقىنىم، ئائىلەمدىكىلەر بولسىمۇ، قىلچە ئىككىلەنمەي، قانات ئاستىمغا ئالماي، دوستلۇق، قېرىنداشلىق مېھرىنى دۆلەتنىڭ ئالىي مەنپەئىتىگە بويسۇندۇرىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر