باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، يېڭى مېخانىزم شەكىللەندۈردى

ئالدىنقى سەككىز ئايدا يېزىلاردىكى 2 مىليونغا يېقىن ئارتۇق ئەمگەكچى (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى

2017.09.22 14:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئاپتونوم رايون بويىچە يېزىلاردىكى 1 مىليون 974 مىڭدىن كۆپرەك ئارتۇق ئەمگەكچى (قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان- ۋەزىپىنىڭ %76ى تاماملانغان.

  يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايوننىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى. ئاپتونوم رايون 2017- يىلى يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى ئۆز يېرىدە، يېقىن ئەتراپتا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، شىنجاڭ ئىچىدە يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، پۈتۈن ئىشتات بويىچە ئىچكىرىدىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكى ئاساسىدىكى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈستىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئىزدىنىپ، يېڭى مېخانىزم شەكىللەندۈردى.

  بۇ يىل 4- ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈمىنى دۆلەت كارخانىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمىنى نۇقتىلىق كەسىپلەرگە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمىنى بىڭتۈەننىڭ شى(شەھەر)، تۈەنلىرىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمىنى جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورۇنلىرىدا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمىنى ھەمكارلىشىپ نامراتلارنى يۆلەش بويىچە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، بىر تۈركۈمىنى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر- يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى تەشكىللىك يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى. بۇ خىزمەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئورتاق كۈچەپ، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ شەھەر، يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنىڭ شىنجاڭ ئىچىدە تەرتىپلىك يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپ ئارقىلىق ئادەم باشقۇرۇپ، ئادەمنى مۇقىملاشتۇرۇپ خاتىرجەم قىلدى. بۇ يىل ئىككى ۋىلايەتتىن جەمئىي 40 مىڭ ئادەمنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، 8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 38 مىڭ 163 ئادەم يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، يىللىق نىشان- ۋەزىپىنىڭ %95.4ى ئورۇندالدى.

  8- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە 16 مىڭ 500 ئادەم پۈتۈن ئىشتات بويىچە ئىچكىرىدىكى كارخانىلارغا يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايون بۇ يىل ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق نامرات ئائىلىلەرگە «بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر» مەخسۇس تۈر بويىچە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇلارنى دەل جايىدا يۆلىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايون بويىچە نامرات ئائىلىلەردىكى 85 مىڭ 500 ئارتۇق ئەمگەكچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايون جەنۇبىي شىنجاڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەكچىلەرنى يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى يولىدا پائال ئىزدەندى. ئالدىنقى سەككىز ئايدا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى 1 مىليون 82 مىڭ ئارتۇق ئەمگەكچى(قېتىم) يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ ئارتۇق ئەمگەكچى يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى كۆپەيتىپ بېيىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر