باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون بىلەن تاموژنا باش مەھكىمىسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدۇ

چېن چۈەنگو ھەمكارلىق ئەسلەتمىسىگە ئىمزا قويۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى، يۈ گۇاڭجۇ بىلەن شۆھرەت زاكىر ئەسلەتمىگە ئىمزا قويدى

2017.09.22 14:31         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئومۇمىيىتىگە خىزمەت قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون بىلەن تاموژنا باش مەھكىمىسى 9- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى ئىمزالىدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1- شۇجىسى، 1- سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈ گۇاڭجۇ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، باش كاتىپ لى شۆجۈن قاتارلىق ئاپتونوم رايون ۋە تاموژنا باش مەھكىمىسى رەھبەرلىرى ئەسلەتمە ئىمزالاش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  يۈ گۇاڭجۇ بىلەن شۆھرەت زاكىر ئىككى تەرەپكە ۋاكالىتەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەمكارلىق ئەسلەتمىسى»گە ئىمزا قويدى.

  ئەسلەتمىگە ئاساسەن، تاموژنا باش مەھكىمىسى «مەبلەغ، ئۈسكۈنە، ئادەم كۈچى جەھەتتىكى سېلىنما بىلەن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش»، «شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش سۇپىسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ قوللاش»، «شىنجاڭنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈش»، «شىنجاڭنىڭ ياخشى تاشقى سودا مۇھىتىنى پائال يارىتىش»تىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى نۇقتىلىق قوللايدۇ. تاموژنا باش مەھكىمىسى ئۈسكۈنە سەپلەش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، تەكشۈرۈش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ پورتلىرىنى ئېچىۋېتىش ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، سەرخىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ «كۆپ شەكىللىك بىرلەشمە تىرانسپورت + غەربكە قاتنايدىغان خەلقئارا نۆۋەتچى پويىز» تىرانسپورت يېڭى ئەندىزىسى ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تاموژنىنىڭ ئالاھىدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش رايونى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سەرخىللاشتۇرۇپ، سودىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەقلىي شەھەر قۇرۇلۇشىنى قوللاپ، خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى سىلجىتىپ، پىششىقلاش سودىسى ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو- قازاقىستان قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا پائال مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، «ئالاقە تورى + تاموژنا» بەرپا قىلىپ، خەلقئارا سودىدىكى «يەككە كۆزنەك» ئۆلچىمى بىلەن شىنجاڭدىكى بارلىق پورتلارنى قاپلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاموژنا خەلقئارا ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.

  ئاپتونوم رايون شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال، قاتتىق دېتال سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تاموژنىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى يېتىشمەسلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، پورت ئۇل ئەسلىھەسى ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش يانداش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى يۈرۈشتۈرۈش، ئاسراش سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، پورتنىڭ يۇمشاق ماتېرىيال، قاتتىق دېتاللىرىنى ئىشلىتىش، يۈرۈشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىرونلۇق پورت جامائەت سۇپىسى ئىقتىدارىنى سەرخىللاشتۇرىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ؛ ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاموژنىنىڭ ئەتكەسچىلىككە قانۇن بويىچە زەربە بېرىشىنى قوللاپ، ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، تاموژنىنىڭ ئەتكەسچىلەرنى تۇتۇش جەڭگاھى ۋە «ئەقلىي ئەتكەسچىلىككە زەربە بېرىش» خىزمىتىنى قوللاپ، مەسئۇلىيەت، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قاتلاممۇ قاتلام بېسىم چۈشۈرۈپ، زەربە بېرىش بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرىدۇ؛ ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىنى قوللاپ، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەردە دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلار ۋە ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تاموژنىنىڭ خىزمىتىنى قوللىشى ۋە ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تاموژنا پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تاموژنا خىزمىتىگە بولغان تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە تاموژنا باش مەھكىمىسى بىلەن ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىلىشىش- ماسلاشتۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، مەسىلىلەرنى ماسلىشىپ ھەل قىلىش، ھەمكارلىق ئىشلىرىنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئايدىڭلاشتۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر