باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى تەستىقلاندى

2017.09.21 13:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى دۆلەت ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات كومىتېتى تەرىپىدىن تەستىقلانغان بولۇپ، ئۇچۇش رايونىنىڭ دەرىجىسى F4كە ئۆستۈرۈلۈپ، يېڭىدىن 450مىڭ كىۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى شىمالىي ئايروبىنا ھەم 2–، 3–كۆتۈرۈلۈش- قونۇش يولى قاتارلىقلار ياسىلىدىكەن.

  تەستىققا ئاساسەن، ئومۇمىي لايىھەدە بۇ قارارلىق قۇرۇلۇشنى 2030–يىلىغىچە تاماملاش پىلانلانغان بولۇپ، ئۇچۇش رايونى ئەسلىھەسى 2030–يىلىغا بارغاندا يولۇچى توشۇش مىقدارى 63 مىليون ئادەم / قېتىم، يۈك–يوللانما توشۇش مىقدارى 750 مىڭ توننا بولۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش نىشانى بويىچە بىر قېتىمدىلا پۈتكۈزۈلىدۇ، ئايروپورت رايونى 2025–يىلىغا بارغاندا يولۇچى توشۇش مىقدارى 48 مىليون ئادەم / قېتىم، يۈك–يوللانما توشۇش مىقدارى 550 مىڭ توننا بولۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش نىشانى بويىچە قۇرۇلىدۇ.

  ئاساسىي قۇرۇلۇشلار ئۇچۇش رايونى دەرىجە كۆرسەتكۈچى F4نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىرقى كۆتۈرۈلۈش–قونۇش يولى(1–كۆتۈرۈلۈش–قونۇش يولى)نىڭ شىمالىدىن 1830 مېتىر كېلىدىغان جايدا يېڭىدىن ئۇزۇنلۇقى 3600 مېتىر، كەڭلىكى 60 مېتىر كېلىدىغان 2–كۆتۈرۈلۈش–قونۇش يولى ياسىلىدۇ، قوش يۆنىلىشتە I تۈردىكى نازۇك يېقىنلىشىش سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ.

  2–كۆتۈرۈلۈش–قونۇش يولىنىڭ شىمالىدىن 380 مېتىر كېلىدىغان جايدا يېڭىدىن ئۇزۇنلۇقى 3200 مېتىر، كەڭلىكى 60 مېتىر كېلىدىغان 3–كۆتۈرۈلۈش–قونۇش يولى ياسىلىدۇ، ئاساسىي قونۇش يۆنىلىشىدە III تۈردىكى نازۇك يېقىنلىشىش سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ، ئىككىنچى قونۇش يۆنىلىشىدە I تۈردىكى نازۇك يۇقىرى يېقىنلىشىش سىستېمىسى ئورنىتىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن سىرت، يېڭىدىن 450 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شىمالىي رايون ئايروبىناسى، 180 ئايروپىلان توختىتىش ئورنى ۋە ئايروپىلان رېمونت قىلىش، ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق قوشۇمچە ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلىدۇ، توك بىلەن تەمىنلەش، سۇ بىلەن تەمىنلەش–پاسكىنا سۇنى چىقىرىش، پار بىلەن تەمىنلەش، سوۋۇتۇش، گاز بىلەن تەمىنلەش، ھاۋا بوشلۇقىنى باشقۇرۇش، ماي بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق ئەسلىھەلەر قۇرۇلىدۇ، بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى ۋە ئاپتوموبىل توختىتىش بىناسى سېلىنىدۇ.

  ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىش قۇرۇلۇشى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پۇقرالار ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ «13–بەش يىل» مەزگىلىدىكى مۇھىم ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تۈرى. بۇ تۈرگە جەمئىي 41 مىليارد 50 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇنىڭدىن ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىغا 38 مىليارد 390 مىليون يۈەن، ھاۋا بوشلۇقىنى باشقۇرۇش قۇرۇلۇشىغا 1 مىليارد 830 مىليون يۈەن، ماي بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىغا 830 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر