- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى-گۇچۇڭ تۆمۈر يولىدا 5000 توننىلىق پويىزلارنى قوش يۆلىنىشتە كۆلەملەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
2017.09.18 15:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى كەسىپ بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى-گۇچۇڭ تۆمۈر يولىدا 5000 توننىلىق پويىزلارنى قوش يۆلىنىشتە كۆلەملەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تۇتاش كەتكەن سانائەت باغچىلىرىنى جانلاندۇردى.
ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۈرۈمچى-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 257 كىلومېتىر بولۇپ، ئۈرۈمچى، مىچۈەن، شەرقىي جۇڭغاردىن ئىبارەت دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ ئىقتىسادىي تېخنىكا تەرەققىيات رايونىنى تۇتاشتۇرۇپ، غەربتە لەنجۇ-ئۈرۈمچى تۆمۈر يولىغا تۇتىشىدىكەن، تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىدىكى كەسىپ بەلبېغىنى كېسىپ ئۆتىدىكەن.
يېقىندا، شىنجاڭنىڭ تۆمۈريول تارماقلىرى لەنجۇ-ئۈرۈمچى تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى قاتارلىق بۆلەكلەردە 5000 توننىلىق پويىزلارنى دائىمىيلاشتۇرغان. بۇ قېتىمقى ئۈرۈمچى-شەرقىي جۇڭغار تۆمۈريولىدا 5000 توننىلىق پويىزنى قوش يۆلىنىشتە كۆلەملەشتۈرۈش تۆمۈريوللارنىڭ توشۇش ئىقتىدارىنى تېز جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلىش يولىغا كىرگۈزىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر