باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ داۋالاش بىرلەشمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى

2017.09.18 14:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  داۋالاش گۇرۇھىنى چەت-يىراق نامرات جايلارنىڭ يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ھەمكارلىق تورىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەشكىللەش ئارقىلىق، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كۆپ خىل شەكىلدىكى داۋالاش بىرلەشمىسى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ئاساسىي قاتلامدا تۇنجى دىياگنوز قويۇش، قوش تەرەپلىك دىياگنوز قويۇش، جىددىيلىرى بىلەن ئاستىلىرىنى ئايرىپ داۋالاش، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بىرلىشىپ ھەرىكەتكە كېلىشتىن ئىبارەت دەرىجىگە بۆلۈپ داۋالاش ئەندىزىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىنى ئۆزلۈكسىز چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇختا بولغان ئومۇمىي خەلق داۋالىنىش سۇغۇرتا سىستېمىسى بىخەتەرلىك تورىنى ئورنىتىپ، داۋالاش، دورا ئىسلاھاتىغا تەرتىپلىك تۈرتكە بولۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتكەن، ھازىرغىچە، %85 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردە دەرىجىگە ئايرىپ داۋالاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ بولغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى پېڭ يوڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىنجاڭ داۋالاش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، دورىنى بىرلىكتە ئىسلاھ قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، داۋالاش بىرلەشمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دورا باھاسىغا پېرسەنت قوشۇشنى تولۇق بىكار قىلىپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى تۆلەش ئۇسۇلىنى يېڭىلاپ، داۋالاش ئورگانلىرىنىڭ ئىقتىدارىنى بېكىتىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قوش تەرەپلىك دىياگنوزنى ئىلمىي يولغا قويۇپ، پۇقرالارغا خاتىرجەم، قولاي، ئومۇميۈزلۈك، پۇل تېجەيدىغان داۋالىنىش شارائىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

  شىنجاڭ 2020-يىلىغىچە، بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان داۋالاش بىرلەشمىسى سىياسەت سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئوخشىمىغان دەرىجە، ئوخشىمىغان تۈرلەردىكى داۋالاش ئورگانلىرى ئوتتۇرىسىدا نىشانى ئېنىق، ھوقۇق-مەسئۇلىيىتى ئايدىڭ، مەنپەئەتتىن ھەمبەھىرلىنىدىغان ئىش تەقسىماتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، رايونلار ئوتتۇرىسىدىكى داۋالاش بايلىقىنى يەنىمۇ بىرىكتۈرۈپ ۋە ھەمبەھىرلىنىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ داۋالاش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر