باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 19- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى يېپىلدى

2017.09.15 14:22         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 11- نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 19- قېتىملىق دائىمىي كومىتېت يىغىنى 9- ئاينىڭ 14- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تۈرلۈك قارالمىلارنى تاماملىغاندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە يېپىلدى. يىغىندا «باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېزلىتىش» باش تېما قىلىنغان ھالدا چارە- تەدبىر كۆرسىتىلدى ۋە بىر قانچە مۇھىم تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش «بەش بىر گەۋدە» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش ئىلگىرى سۈرۈش ۋە «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ. دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە مۇھىم رولىنى تولۇق تونۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار زور تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ھەقىقىي ياخشى ئىگىلەپ ۋە ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدىگەن ھالدا كېڭىشىپ چارە- تەدبىر كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ياخشى رول ئويناش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: باش نىشاننى كۆزلەش ۋە كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشى ئارقىسىدا، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى شەھەر- بازارلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى مۇقىم ئاشتى، ئۇل ئەسلىھەلىرى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، شەھەر- يېزا ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، ئۇنىۋېرسال سىناق نۇقتىسى قىلىنغان شەھەر- بازارلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرى مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولى كۈنسېرى كۈچەيدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بازارلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىپ، ئاممىنىڭ پىكرىنى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ، بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىنى خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئەلرايىنى مايىل قىلىش جەريانىغا ھەقىقىي ئايلاندۇرۇش؛ يىرىك پىلاننىڭ يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئارقىلىق، تۈرلۈك يىرىك پىلاننى ماس ھالدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى تولۇق چۈشىنىپ، ئۇزاققىچە يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش؛ بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۆپ مىللەت ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي مۇھىت بەرپا قىلىشقا بىرلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا زامانىۋى شەھەر تۇرمۇشى ۋە بازار ئىگىلىكىگە ماسلىشالايدىغان ماھارەتلەرنى ئىگىلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ قاتارلىق ساھەلەردىن كۆپ مىللەت ئارىلىشىپ ياشايدىغان ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي شارائىتنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك.

  نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سىياسىي كېڭەش تەشكىلاتلىرى، ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنى مۇھاكىمە قىلىپ، مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئادا قىلىشى كېرەك. سىياسىي كېڭەش ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 1- يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى قاتارلىقلارنى چىڭ ۋە ياخشى تۇتۇپ، كېلەر يىللىق سىياسىي كېڭەش خىزمىتىنىڭ ياخشى باشلىنىشى، ياخشى قەدەم ئېلىشى ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق قىلىپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ تېخىمۇ ياخشى خىزمەت نەتىجىلىرى ئارقىلىق پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

  جۇڭگو شەھەر پىلانلاش، لايىھەلەش تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ كەي «يېڭى دەۋردە شىنجاڭنىڭ بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا» دېگەن تېمىدا كونسۇلتاتسىيە قىلدى، يىغىندا ئالاقىدار كادىرلار ئىشلىرى قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن بەي جىجيې، رىزۋان ئەبەي، لى شياڭلىن، جۈرئەت ئىمىن، ليۇ جىيۇڭ، ماغاۋ سېيتقامزا، ۋەن خەيچۈەن، چېڭ جېنشەن، يۈ شيۇدۇڭ، كادىرقان مىراسقان، ئابدۇلىتىپ ئابدۇرېھىم، باش كاتىپ خەن جۈن يىغىنغا قاتناشتى.

  شىنجاڭدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ رەھبەرلىرى، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئوبلاست، شەھەرلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ شۇجىلىرى، سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسلىرى، ۋىلايەتلەردىكى سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتى پارتگۇرۇپپىلىرىنىڭ شۇجىلىرى، مۇدىرلىرى؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىگە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەردىكى سىياسىي كېڭەشلەرنىڭ رەئىسلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر