باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 54- قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.09.15 14:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 9- ئاينىڭ 14- كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق 12- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 54- قېتىملىق دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا «يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قىسمەن تۈرلەرنى تەستىقلاش ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇشنى ئىسلاھ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر» مۇزاكىرە قىلىنىپ، «ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىچە بازارلاشتۇرۇشنىڭ <13- بەش يىللىق> تەرەققىيات يىرىك پىلانى»غا قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تۈزۈلمە مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان قىسمەن تۈرلەرنى تەستىقلاش ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تۈرلەرنىڭ تېز ئەمەلىيلىشىپ، قۇرۇلۇش باشلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا، تۈر ئورۇنلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنما ۋەزىپىسىنىڭ تاماملىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى ئالاقىدار تارماقلار يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تۈرلەرنى تەستىقلاش ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تۈرلەردە مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش ئارقىلىق، يېزا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى سىجىل كۆپەيتىپ، ئىجتىمائىي كاپىتال سېلىنمىسىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان تۈرلەردىكى ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بازارلاشتۇرۇش زامانىۋىلاشتۇرۇشتا مۇقەررەر بېسىپ ئۆتىدىغان يول، يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم يولى، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ كۈچلۈك تىرىكى، شۇنداقلا ئىچكى ئېھتىياجنى ئاشۇرۇش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇش ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھەم بىر تۈرلۈك مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەرلىشىشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر- بازارلارنى ئومۇميۈزلۈك ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش؛ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان تىرەكلىك رولىدا چىڭ تۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشقۇچىلارنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش؛ بىر تۇتاش ماسلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، شەھەر- يېزا تەرەققىياتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ ئۈلگە كۆرسىتىپ يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭىچە بازارلاشتۇرۇشنى ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ سىياسەت- تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يىرىك پىلاننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: «13- بەش يىل» مەزگىلىدە، ئاپتونوم رايونىمىز بازارلاشتۇرۇش تەرەققىيات سەۋىيەسىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۆستۈرۈپ، بازارلاشتۇرۇشنىڭ ماكان ئورۇنلاشتۇرۇشىنى تېخىمۇ سەرخىللاشتۇرۇپ، شەھەرلەرنىڭ تەرەققىيات شەكلىنى ئىلمىيلاشتۇرۇپ ۋە مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، شەھەر مۇھىتىنى تېخىمۇ ئىناق، ياشاشقا باب كېلىدىغان قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، نامرات ئاھالىنى قەرەلىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشىلاشقا پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر