باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 3 مىليارد 270 مىليون يۈەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش تولۇقلىما مەبلىغى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەرگە نۇقتىلىق ئىشلىتىلدى

2017.09.11 15:03         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان شىنجاڭ ھەر بىر ئائىلىگە 16مىڭ يۈەننى ئۆلچەم قىلىپ، مەركەز مالىيەسىنىڭ 2 تۈركۈمدىكى جەمئىي 3 مىليارد 270 مىليون يۈەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى تولۇقلىما مەبلىغىنى ناھىيە، شەھەرلەرگە تەقسىملەپ بەردى، بۇ مەبلەغ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى نامرات ئائىلىلەرنى يۆلەشكە نۇقتىلىق ئىشلىتىلدى.

  مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى يېقىندا تۇرالغۇ ۋە شەھەر–يېزا قۇرۇلۇشى تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە، مەركەز مالىيەسى بۇ يىل 2–تۈركۈمدە ئاجراتقان 1 مىليارد 950 مىليون يۈەن ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش قۇرۇلۇشى تولۇقلىما مەبلىغىنى ناھىيە، شەھەرلەرگە تەقسىملەپ بەرگەن. 2–ئايدا تۇنجى تۈركۈمدىكى 1 مىليارد 320 مىليون يۈەن تولۇقلىما مەبلەغ جايلارغا تەقسىملەپ بېرىلگەن.

  ئىككى تۈركۈمدىكى مەبلەغنىڭ ھەممىسى شىنجاڭدىكى تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىۋاتقان قىيىنچىلىقى ئالاھىدە ئېغىر كىشىلەرنىڭ ئائىلىسى، نامرات مېيىپلەر ئائىلىسى ۋە ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان نامرات ئائىلىلەردىن ئىبارەت تۆت خىل ئائىلىنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ئىشلىتىلگەن.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا نامراتلار كۆپ، نامراتلىق ئېغىر بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى 14 تۇتاش كەتكەن كۆك نامرات رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل شىنجاڭ پىلانلاپ سالىدىغان 300 مىڭ ئائىلىلىك ئەمىن تاپقۇزۇپ خەلقنى بېيىتىش ئۆيى ئىچىدە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا سېلىنىدىغان ئۆي ئۈچتىن ئىككى قىسىمنى ئىگىلەيدىكەن.

  نامرات ئاممىنىڭ بالدۇرراق يېڭى ئۆي سېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ‹‹كۈچ چىقىرىش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش، جەمئىيەت يۆلەش، كارخانا ياردەم بېرىش›› قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ھويلا–ئاران ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش، بېيىتىش كەسىپلىرىنى پىلانلاش، دېھقان ھۈنەرۋەنلەرنى تەربىيەلەپ ئۆي قۇرۇلۇشىغا قاتناشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆي سېلىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى جايلاردىن تولۇقلىما بېرىش ئوبيېكتىنى ئېلان قىلىپ، مەبلەغنى ئوچۇق–ئاشكارا ئىشلىتىش، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنىڭ باھاسىنى ئېلان قىلىش ۋە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرىنى ئائىلىلەرگە ئاشكارا تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تولۇقلىما مەبلىغىنى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ۋە نامرات ئائىلىلەرنىڭ قولىغا ۋاقتىدا، تولۇق تەگكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر