باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2020–يىلىغا بارغاندا كاربون (Ⅳ)ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى 2015–يىلىدىكىدىن %12 كېمەيتىلىدۇ

2017.09.11 15:02         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايون ‹‹<13–بەش يىل>لىق پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى ئوتتۇرىغا قويدى

  يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاتموسفېراغا بۇلغىما قويۇپ بېرىش مىقدارىنى مەنبەدىن ئازايتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا ‹‹<13–بەش يىل>لىق پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش خىزمىتىنى يولغا قويۇش لايىھەسى››نى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ‹‹يولغا قويۇش لايىھەسى›› دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىپ، مۇنۇلارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى: 2020–يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايون بويىچە كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى 2015–يىلىدىكىدىن %12 كېمەيتىلىدۇ، كاربون قويۇپ بېرىش ئومۇمىي مىقدارى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىپ، غەيرىي كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش سالمىقى يەنىمۇ زورايتىلىدۇ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە ئىستېمال قۇرۇلمىسى تەدرىجىي ئەلالاشتۇرۇلۇپ، كاربون سۈمۈرۈش ۋە ساقلاش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىدا بىر تەرەپكىلا ئەھمىيەت بېرىش، ئېنېرگىيە ئىستېمالى مۇۋاپىق بولماسلىق، ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى كەسىپلەرنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى زور بولۇش، 10مىڭ يۈەنلىك GDP نىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى يۇقىرى بولۇش، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قاتارلىق پارنىك گازىنى قويۇپ بېرىش مىقدارى زور بولۇش، مۇھىت بۇلغىمىسى قويۇپ بېرىش مىقدارى ئۇدا ئازايماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان. پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېشىل تەرەققىيات سەۋىيەسى بىرقەدەر تۆۋەن، بەزى رايونلار مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى، بولۇپمۇ ئاتموسفېرانىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسى بىرقەدەر گەۋدىلىك بولۇپ، ئامما دىققەت قىلىدىغان ۋە ئەرز–شىكايەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتا مەسىلىلەرگە ئايلانغان.

  ‹‹يولغا قويۇش لايىھەسى››دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ‹‹13–بەش يىل›› مەزگىلىدە شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېجەشنى كۈچەيتىش، كاربون سۈمۈرۈش ۋە ساقلاش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كونترول قىلىپ، يۇقىرى كاربونلۇق كەسىپلەرنى تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە تېجەش ئارقىلىق ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  ‹‹13–بەش يىل›› مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىشتا دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسىنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئېنېرگىيە تېجەش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، غەيرىي تاش قاتما ئېنېرگىيەسىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تاش قاتما ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ‹‹ئېلېكتىرلەشكەن شىنجاڭ››، ‹‹گازلاشقان شىنجاڭ›› قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق كەسىپلەر سىستېمىسىنى پائال بەرپا قىلىدۇ. كەسىپ قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قانۇن بويىچە شاللايدۇ، سانائەت ساھەسىنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى داۋاملىق ئاشۇرىدۇ، تۆۋەن كاربونلۇق يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەبىئىي ئورمان، ئوتلاق ۋە سۇلۇق يەرلەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كاربون سۈمۈرۈش ۋە ساقلاش ئىقتىدارىنى داۋاملىق كۈچەيتىدۇ؛ شەھەر–بازارلاشقان تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شەھەر–يېزىلارنى تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇپ قۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەرلەرنىڭ فۇنكىسىيەسى ۋە بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىمارەتلەردە ئېنېرگىيە تېجەشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تۆۋەن كاربونلۇق قاتناش–تىرانسىپورت سىستېمىسىنى قۇرۇپ، جامائەت ئاپپاراتلىرى ساھەسىدە بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىدۇ، تاشلاندۇقنى بايلىققا ئايلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ۋە تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىپ، رايونلارنىڭ تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات سىناق نۇقتىسى ۋە ئۈلگە نۇقتىسىدا يېڭىلىق يارىتىدۇ؛ ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىدۇ. كاربون قويۇپ بېرىش سودا بازىرى ۋە خىزمەت مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۆۋەن كاربون تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ پايدىلىنىشنى كۈچەيتىدۇ، قانۇن–نىزام سىستېمىسى ۋە ساھەلەرنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمىنى ياخشىلايدۇ، ئاپپارات ۋە ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى، نىشانلىق مەسئۇلىيەتنى باھالاشنى كۈچەيتىدۇ.

  ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، 2020–يىلىغا بارغاندا ئاپتونوم رايون بويىچە ئېنېرگىيە ئىستېمال ئومۇمىي مىقدارى 192مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈر دائىرىسىدە كونترول قىلىنىدۇ، بىرلىك GDP نىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتى 2015–يىلىدىكىدىن % 15 تۆۋەنلىتىلىدۇ، غەيرىي تاش قاتما ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %15كە يەتكۈزۈلىدۇ، كۆمۈر ئىستېمالىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %55تىن تۆۋەنرەك كونترول قىلىنىدۇ، تەبىئىي گاز ئىستېمالىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %14 ئەتراپىغا يەتكۈزۈلىدۇ ھەمدە ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەت (مەمۇرىي مەھكىمە)لىرىنىڭ پارنىك گازى قويۇپ بېرىشنى كونترول قىلىش نىشانلىق مەسئۇلىيىتى باھالىنىدۇ، باھالاش نەتىجىسى رەھبەرلىك بەنزىسىنى ئۇنىۋېرسال باھالاش، كادىرلارنى مۇكاپاتلاش ۋە جازالاش، ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش، ۋەزىپە ئۆتەش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر