باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 12- تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت خېتىنىڭ 63 پارچىسى بېجىرىلدى

2017.09.04 09:46         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز ۋاڭ يايۈننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا ماسلىشىش، ئالاقىلىشىش خىزمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن ئىگىلىشىچە، 9- ئاينىڭ 1- كۈنىگىچە، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايوننىڭ بېجىرىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 12- تۈركۈمدىكى 75 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ(بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 63 پارچىسى بېجىرىلىپ بولۇنغان.

  رايون ئايرىمىسىدىن قارىغاندا، بېجىرىلىپ بولغان 12- تۈركۈمدىكى 63 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ 31 پارچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 7 پارچە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ 4 پارچىدىن، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ 3 پارچە، خوتەن ۋىلايىتى، قاراماي شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قومۇل شەھىرىنىڭ 2 پارچىدىن، تۇرپان شەھىرىنىڭ 1 پارچە ئىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ بېجىرگىنى 1 پارچە ئىكەن. بۇلغىما تۈرىدىن قارىغاندا، قاتتىق تاشلاندۇققا چېتىلىدىغىنى 25 پارچە، شاۋقۇن ۋە بۇسقا چېتىلىدىغىنى 15 پارچە، ئاتموسفېراغا چېتىلىدىغىنى 12 پارچە، چاڭ- توزانغا چېتىلىدىغىنى 9پارچە، باشقا تۈردىكىلەرگە چېتىلىدىغىنى 6 پارچە، ئېكولوگىيە ۋە سۇنىڭ بۇلغىنىشىغا چېتىلىدىغىنى 4 پارچە، ئېغىر مېتال تۈرىگە چېتىلىدىغىنى 1 پارچە ئىكەن.

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرى مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىنى ئۆلچەم قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلە ۋە ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇھىت ئاسراش ئىدىيەسى ۋە مۇھىتنى تۈزەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونغا ئالدىنقى 12 تۈركۈمدە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 626 پارچە ئەرزىيەت خېتىنىڭ 583 پارچىسى بېجىرىلىپ بولغان، ئۇنىڭ ئىچىدە تەكشۈرۈلۈپ راستلىقى دەلىللەنگىنى 534 پارچە، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغىنى 49 پارچە ئىكەن. تەكشۈرۈلۈپ راستلىقى دەلىللەنگەن ھەم بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن 534 پارچە ئەرزىيەت خېتى ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇلغان كارخانا 490، مەمۇرىي جازا بېرىلگەن كارخانا 179 بولۇپ، جەرىمانە سوممىسى جەمئىي 20 مىليون 129 مىڭ 900 يۈەن بولغان، 14 كىشى مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇلغان، 69 كىشى بىلەن سۆھبەتلىشىشكە كېلىشىپ قويۇلغان، 460 كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلگەن. بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن بارلىق ئەرزىيەت خېتىنىڭ بېجىرىلىش ئەھۋالى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تور بېكىتى (http://www.xinjiang.gov.cn) دە ئېلان قىلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر