باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شۆھرەت زاكىر ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئارقا قىسلاڭ رايونىغا بېرىپ، مۇھىت مەسىلىسىنى تۈزىتىشكە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلدى

ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قورقماي، سۇ مەنبەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، خەلقنى تېخىمۇ بىخەتەر، تېخىمۇ پاكىز سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

2017.09.04 09:40         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر 8- ئاينىڭ 25- كۈنى ئۈرۈمچى ئارقا قىسلاڭ(خوۋشيا) رايونىغا بېرىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خېتىنىڭ بېجىرىلىشىگە نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك تەلەپلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلىرىنى بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزدە كۆرسىتىپ، ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن قورقماي، سۇ مەنبەسىنى ياخشى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ پاكىز، تېخىمۇ بىخەتەر سۇ ئىچىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ۋە ئېكولوگىيەلىك مۇھىت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئارقا قىسلاڭ رايونى ئۈرۈمچى دەرياسى ۋە 1- نومۇرلۇق مۇزلۇققا يېقىن بولۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئۇلانباي سۇ ئامبىرى ئىچىدىغان سۇ مەنبەسىدىكى 2- دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان رايونغا تەۋە. 20- ئەسىرنىڭ 50- يىللىرى ئارقا قىسلاڭ رايونىدا بەزى سانائەت كارخانىلىرى قۇرۇلۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپە قوشقانىدى. لېكىن كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش- تىجارەت پائالىيەتلىرى ئەتراپتىكى مۇھىتقا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى ھەم ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسىگە خەۋپ يەتكۈزۈپ، بارغانسېرى جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. ئارقا قىسلاڭ رايونىنىڭ مۇھىتىنى ئاسراش مەسىلىسىنى تەلتۆكۈس ھەل قىلىش ھازىرقى بىر تۈرلۈك زور ھەم تەخىرسىز ۋەزىپىگە ئايلاندى.

  شۆھرەت زاكىر نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى ۋە دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويدى، جايلار، تارماقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت ئاسراش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە دائىر مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 5 چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسرىغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى قوغدىغانلىق، سۈيى سۈزۈك، تاغلىرى يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بىر بايلىق، دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزدى، خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى باشتىن- ئاخىر 1- ئورۇنغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى ئاسراش تۆۋەن چېكىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئەڭ قاتتىق بولغان ئېكولوگىيەنى ئاسراش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئۈنۈملۈك ئاسراشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  شۆھرەت زاكىر مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئارقا قىسلاڭ رايونىدىكى سانائەت تۈرلىرىنى تاقاشنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىپ، بىرمۇ ئىشچى- خىزمەتچىنى ئىشسىز قويماسلىق كېرەك. كارخانىلارنى كۆچۈرۈش ۋە كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ تۇرالغۇ، تۇرمۇش شارائىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاپ، ئىشچى- خىزمەتچىلەرگە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئىشچى- خىزمەتچىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئاساسىدا، قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بارلىق ئىشلەپچىقىرىش تۈرلىرىنى تاقاپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا، بولۇپمۇ سۇ مەنبەسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق ئامىللارنى قەتئىي تەلتۆكۈس يوقىتىش كېرەك. سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ يولغا قويۇپ، ئارقا قىسلاڭ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئاسراش تۈرىگە كىرگۈزۈپ، دەريا دائىرىسىنى ئەڭ زور چەكتە يېشىللاشتۇرۇپ، ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئارقا قىسلاڭ رايونىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. مۇھىتنى نازارەت قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىلىرىنىڭ ئىچىدىغان سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىپ، ئاسمىنى كۆك، زېمىنى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئاكتىپ تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى- سانجى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، «تۆت ئاڭ» نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكىنى سىياسىي ۋە ئومۇمىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ تولۇق تونۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، مۇھىت ئاسراش خىزمىتى تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ پاكىز سۇ ئىچىش، تېخىمۇ ساپ ھاۋادىن نەپەس ئېلىش، تېخىمۇ ياخشى خىزمەت ۋە تۇرمۇش مۇھىتى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتەللىپ قاسىم نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، مالىيە نازارىتى، ئىقتىساد ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى، مۇھىت ئاسراش نازارىتى، زېمىن بايلىقى نازارىتى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ھەمراھ بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر