باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تارماقلارنىڭ مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەت خەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرگەنلىكى ئامما ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

2017.09.04 09:34         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسىنىڭ بىر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىش خىزمىتىنىڭ تەدرىجىي چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قىيىنچىلىق پەيدا قىلغان بەزى مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىلىرىنى تېز ھەل قىلىپ، مۇھىتنى تۈزەشتىكى نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي ئۆزگىرىشنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

  ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونلۇق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى خوتەن كوچىسى تەۋەلىك باشقۇرۇش كومىتېتى ۋە خوتەن 1- كوچىسى 129- نومۇر «شەھەر كوممۇناسى» ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر ئىنكاس قىلغان «كەپە ئۆي رايونىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا كېچىدە كۈچلۈك شاۋقۇن پەيدا قىلىۋاتىدۇ» دېگەن ئەرزىيەت خېتىنى بېجىرىش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش خادىملىرىنى دەرھال نەق مەيدانغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتتى ھەم «تۈزىتىشكە بۇيرۇش ئۇقتۇرۇشى» چۈشۈرۈپ، قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى. «شەھەر كوممۇناسى» ئولتۇراق رايونى A بىنا 17- قەۋەتتە ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ يۈمېي مەمنۇن بولۇپ مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تارماقلار تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ ئاھالىلەرگە خاتىرجەم ئۇخلاش شارائىتى يارىتىپ بەردى، بىز مەسىلىنىڭ بۇنچە تېز ھەل قىلىنىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق. مەن قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرىنىڭ دەرھال ھەرىكەتلىنىدىغان خىزمەت ئىستىلىگە قايىل بولدۇم.

  ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ئۈرۈمچى «شىنگاڭ ئەسىر گۈللۈكى» ئولتۇراق رايونىدىكى ئاھالىلەر «ئولتۇراق رايوننىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىغا يېقىن جايدىكى كەلكۈن چۈشۈرۈش ئۆستىڭىنىڭ قاپقىقى بۇزۇلۇپ، لاتقا، بۇلغانمىلار تېشىپ، سېسىق پۇراق تارقىتىۋاتىدۇ» دەپ ئىنكاس قىلغان. ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) سۇ ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ جىددىي رېمونت قىلىش ئەترىتى بۇ ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 8- ئاينىڭ 13- كۈنى بۇ ئولتۇراق رايوننىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىغا كېلىپ، بۇزۇلغان قاپقاقنى رېمونت قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىككى بۇلغىما سۈمۈرۈش ئاپتوموبىلى ۋە ئىككى يۇقىرى بېسىملىق يۇيۇش ئاپتوموبىلى ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەلكۈن چۈشۈرۈش ئۆستىڭىدىكى لاتقىلارنى تازىلاپ، يۇيۇپ، سېسىق پۇراقنى تەلتۆكۈس تۈگەتتى. رېمونت- قۇرۇلۇش ئەترىتى قۇرۇلۇش باشلىغاندىن تارتىپ ئىزچىل نەق مەيداندا كۆرۈپ تۇرغان ئاھالە لى پىڭ نەچچە يىللىق كونا مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئالاقىدار تارماقلار ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ ھەل قىلىپ، قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى، مەن ئىنتايىن رازى بولدۇم.

  ئۈرۈمچى شەھىرى بۇلاقتاغ رايونى يېكەنكۆل شىمالىي يولى «دوستلۇق گۈللۈكى» مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر «يېقىن ئەتراپتىكى بىر ئارىلاشتۇرۇش پونكىتىدا توختايدىغان بېتون- سېمونت توشۇيدىغان باكلىق ئاپتوموبىل ۋە پومپا ئاپتوموبىللىرى چىقارغان شاۋقۇن بەك كۈچلۈك» دەپ ئىنكاس قىلغان. بۇلاقتاغ رايونلۇق مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى يېكەنكۆل قانۇن ئىجرا قىلىش ئوتتۇرا ئەترىتى بۇ ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 8- ئاينىڭ 13- كۈنى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ بىر تەرەپ قىلىپ، بۇ ئارىلاشتۇرۇش پونكىتى قارىمىقىدىكى كارخانىلارغا تۈزىتىش ئۇقتۇرۇشى چۈشۈردى ھەم ئۆزگەرتىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇ رايوندا قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرىنى توختىتىشنى چەكلىدى. بۇ ئولتۇراق رايوندا ئولتۇرۇشلۇق فېڭ يەنلىن خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەر ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىنىپ، ئاممىغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇلدى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال ئۆزگەرتىشىدىن ئامما ئۇلارنىڭ خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پوزىتسىيەسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشساقلا، جەمئىيىتىمىزدە چوقۇم ئىستىل تېخىمۇ دۇرۇس، كەيپىيات تېخىمۇ توغرا بولىدۇ، تۇرمۇشىمىز تېخىمۇ بەختىيار بولىدۇ.

  بورتالا شەھىرى 8- ئاينىڭ 21- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن «بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى چىندېل ئوتتۇرا كەنتى ئاھالىلەر رايونى ئەتراپىدىكى مەلۇم باقمىچىلىق مەيدانىنىڭ مۇھىتنى بۇلغىغانلىقى» توغرىسىدا ئىنكاس قىلىنغان مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن تۇنجى ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، تېزدىن ئاپتوموبىل، قاتناش ۋاسىتىلىرى، خادىملارنى تەشكىللەپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، باقمىچىلىق مەيدانى ئىگىسىنىڭ چارۋىلارنى باشقا جايغا يۆتكىشىگە ياردەم بەردى، قوتاننى پۈتۈنلەي چۇۋۇپ تاشلىدى ھەم ئۈچ كۈن ئىچىدە بارلىق ئەخلەتلەرنى تازىلاپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. بورتالا شەھىرى چىندېل بازىرى چىندېل ئوتتۇرا كەنتى ئاھالىلەر رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق شۈەن چىنلەن مۇنداق دېدى: ھۆكۈمەتنىڭ بىزگە ياخشى بىر ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىگە رەھمەت! ئىلگىرى بۇ باقمىچىلىق مەيدانىدىن سېسىق پۇراق تارقىلىپ، دېرىزىنىمۇ ئاچالماي، تۇرمۇشىمىزغا بەك قولايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. قوتان بۈگۈن ئۈزۈل- كېسىل چۇۋۇلدى، ساپ، پاكىز مۇھىت ئەسلىگە كەلدى، بىز بۇنىڭدىن ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرا قىلىش كۈچىنىڭ تېزلىكىنى ھېس قىلدۇق.

  بۇرچىن ناھىيەسى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئەرزىيەت خېتىنى، يەنى بۇرچىن ناھىيەسى قاناس يولى 7- نومۇر «يۇخاۋفېڭ» ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونى 7- بىنادا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنىڭ «مەززىلىك تائاملار كوچىسىدىكى بەزى يېمەك- ئىچمەك دۇكانلىرى بۇسنى بىۋاسىتە ھاۋاغا قويۇپ بېرىپ ۋە يېمەك- ئىچمەك ئەخلەتلىرىنى قالايمىقان تاشلاپ، 7- بىنادىكى ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزدى» دېگەن مەزمۇندىكى ئىنكاسىنى تاپشۇرۇۋالدى. بۇرچىن ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېز ھەرىكەتكە كېلىپ، ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، مەززىلىك تائاملار كوچىسى بىلەن مەزكۇر ئولتۇراق بىناسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ئايرىش تاختىسى ئورنىتىپ، ئولتۇراق رايوننىڭ بۇستىن بۇلغىنىشىنى توستى ھەم يېمەك- ئىچمەك سودىگەرلىرىدىن بەلگىلىمە بويىچە تۇرخۇن ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى. بۇرچىن ناھىيەسىدىكى تيەن فېڭبېي مۇنداق دېدى: ئىلگىرى دېرىزىلەرنى ئاچالمايتتۇق، دېرىزىلەرمۇ ھەمىشە بەك مايلىشىپ كېتەتتى. ھازىر ياخشى بولدى، بۇس ئەمدى بىزنى قىينىمايدىغان بولدى. دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال ئۆزگەرتىشتىن رەھبەرلىكنىڭ مۇھىت ئاسراشنى چىڭ تۇتۇش ئىرادىسىنى ھېس قىلدۇق، شۇنداقلا بىزنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇمىز ۋە بەخت تۇيغۇمىز كۈچەيدى.

  قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى 8- ئاينىڭ 19- كۈنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان «ئاتۇش شەھىرى بەخت يولى 10- نومۇردىكى قۇشخانىنىڭ شاۋقۇنى ۋە سېسىقچىلىقى بىر قەدەر ئېغىر» دېگەن ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالدى. ئوبلاست، شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى قانۇن ئىجراسىنى مەمۇرىي تەپتىش قىلىش خادىملىرى دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، قۇشخانىنى تاقىدى ھەم ئىككى كۈن ئىچىدە قۇشخانىنى چېقىشنى تەلەپ قىلدى. ئاتۇش شەھىرى بەخت يولى قۇشخانا ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئابدۇجېلىل ياسىن مۇنداق دېدى: قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى بۇ قېتىمقى مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىدە دەرھال تەكشۈرۈپ، تۈزىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بېجىرىشكە تاپشۇرۇلغان ئەرزىيەت خەتلىرىنى دەرھال بېجىردى، تېز بېجىرىپلا قالماي، ياخشى بېجىرىپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سۈرئىتى ۋە تۈزىتىشتىن كېيىنكى ئۆزگىرىشنى پۇقرالارغا كۆرسەتتى.

  غۇلجا شەھەرلىك شەھەر باشقۇرۇش مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى «غۇلجا شەھىرى تەرەققىيات رايونى شاڭخەي يولى 918- نومۇرلۇق جىنكەي مۇزىكىلىق تائاملار رەستىسىدىن چىققان بۇس ۋە شاۋقۇن پۇقرالارنىڭ ئارام ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزدى» دېگەن مەزمۇندىكى ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، بۇ كارخانىنى تىجارەتنى توختىتىپ تۈزىتىشكە بۇيرۇدى. غۇلجا شەھىرى جىندى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق سۈن جىنجۇ مۇنداق دېدى: مۇزىكا رەستىسى ئۈچ كۈن تەرتىپكە سېلىندى، بۇنىڭ ئۈنۈمى ھەقىقەتەن ياخشى بولدى. ئىلگىرى يولدىن ئۆتكەندە پۇرايدىغان بۇس يوقالدى، ئاۋاز توسۇش تاختىسى ئورنىتىلىپ، شاۋقۇن ئازايتىلدى. تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمىدىن كۆپ رازى بولدۇق.

  قومۇل شەھىرى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان «قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى 1- ئاۋغۇست يولى ئەتراپىدىكى سېمونت بازىرىدىن تارقالغان چاڭ- توزاندىن ئەتراپتىكى ئاھالىلەر دېرىزىسىنى ئاچالمايۋاتىدۇ» دېگەن مەزمۇندىكى ئەرزىيەت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، دەرھال تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، چاڭ- توزاننى بىر تەرەپ قىلدى ھەم ئەتىسى بۇ بازارنى مەجبۇرىي تاقىدى. بۇ ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق سۈن خاۋ مۇنداق دېدى: ھەممىلا يەردە چاڭ- توزان ئۇچۇپ يۈرگەچكە، بۇ جايدىن ئۆتكەندە بۇرنىمىزنى توسۇۋالاتتۇق. ھۆكۈمەت بۇ مەسىلىنى ئۈزۈل- كېسىل، ياخشى ھەل قىلدى.

  (مۇخبىرلىرىمىز ۋاڭ دۇڭ، گاۋ ۋا، فۇ شياڭلۇڭ، چاۋ جىن، جاۋ چۈنخۇا، لى لىن، لى خەنجى، خې جىن، پىراكتىكانت سۈن خاۋ، ما ئەننى، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز جاڭ خۇڭ، ۋۇ جۇڭمې، ۋېي جىيۈەن، خاۋ جىڭ، كوۋ جۈنفېڭ، ليۇ ۋېي، ما چېڭلۇ)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر