باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 81 ئوقۇغۇچىغا 426 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىلدى

2017.08.31 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز تۇرسۇنجان ھەسەن، ھاۋاگۈل ئىمرەمزى خەۋەر قىلىدۇ) 8-ئاينىڭ 29-كۈنى ئاۋات ناھىيەسى ناھىيەلىك پەن-تېخىنىكا، مەدەنىيەت سارىيىنىڭ ئالدىدا داغدۇغىلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، 2017-يىلى ئالىي مەكتەپلەرگە قۇبۇل قىلىنغان، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 81 ئوقۇغۇچىغا 426 مىڭ يۈەن ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەردە خاتىرجەم ئوقۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئاينەزەر ئۆمەر 450 نۇمۇر بىلەن شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىغا قۇبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئىنتايىن خۇشال بولغان ئىدى. لېكىن دادىسى مېيىپ، ئاپىسىنىڭ ئازغىنە كىرىمى بىلەن تۇرمۇشىنى قامدايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئوقۇش پۇلىنى تاپشۇرۇش ناھايىتى قىيىن ئىدى. بۇ قېتىم ئوقۇش ياردەم پۇلىنى تارقىتىش مۇراسىمىدا ئۇ بىرىنچى بولۇپ «جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بىرىش» مەبلىغىدىن 6000 يۈەن ئۇقۇش ياردەم پۇلىنى تاپشۇرۇۋېلىپ، ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى ئاينەزەر ئۆمەر مۇنداق دېدى: پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى سىياسەتلىرى بىزگە بەختىيار تۇرمۇش ئېلىپ كەلدى. ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ ياردىمىدە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. مەن بۇ ياخشى پۇرسەتنى قەدىرلەپ، چوقۇم بىر ياخشى دوختۇر بولۇپ، ۋەتەنگە جاۋاپ قايتۇرىمەن.

  ئائىلە باشلىقى ئۆمەر تۇرسۇن مۇنداق دېدى: بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئايالىمنىڭ ئازغىنە كىرىمىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق. قىزىمنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىكى بىزنى خۇشال قىلغان بولسىمۇ، ئوقۇش پۇلىنى قانداق غەملەش جەھەتتە بېشىمىز خىلىلا قاتقان ئىدى. قىزىمنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشكەنلىكى بىزنى ناھايىتى خۇشال قىلدى. بىزگە كۆڭۈل بۆلگەن پارتىيە، ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت.

  بۇ يىلقى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا 150دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنىڭ نۇمۇرى تولۇق كۇرسنىڭ نۇمۇر ئۆلچىمىدىن ئاشقان بولسىمۇ. لېكىن، بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىي ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا، ئوقۇش پۇلىنى غەملەشتە بېشى قاتقان ئىدى. ئائىلىسى نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇسىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئاۋات ناھىيەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىلىرىنى زىيارەت قىلىش، ئەتراپلىق ئەھۋال ئىگىلەش، تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، ئوقۇش ياردەم پۇلىغا ئېھتىياجلىق 81 ئۇقۇغۇچىنى بىكىتىپ چىقتى. بۇنىڭ ئىچىدە «جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بىرىش» مەبلىغىدىن ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار 61 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەر بىرىگە 6000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ياردەم پۇلى تارقىتىلدى؛ ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ 10 پەرزەنتىگە «ئالتۇن كۈز ئۇقۇش ياردەم پۇلى»دىن ھەر بىر ئوقۇغۇچىغا 4000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ياردەم پۇلى تارقىتىلدى؛ نامرات ئائىلىلەرنىڭ ئالىي مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان قىز پەرزەنتلىرىگە «بىر يۈەن ئارقىلىق ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئۇقۇش پاردەم پۇلى»دىن ھەر بىر ئۇقۇغۇچىغا 2000 يۈەن ئۆلچەم بويىچە ياردەم پۇلى تارقىتىلدى.

  ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شىرىنئاي ياسىن مۇنداق دېدى: مەن بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۈم، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ياردىمىدە 4000 يۈەن «ئالتۇن كۈز ئوقۇش ياردەم پۇلى»غا ئېرىشىپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، پارتىيە، ھۆكۈمەتكە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن يۇرتۇمنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر