باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئايروپىلانلارنىڭ بېلەت باھاسى ئۆسىدۇ

2017.08.30 14:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل قۇربان ھېيتتا بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشىلەر سىرتلارغا چىقىپ ساياھەت قىلماقچى، ياكى تۇغقان يوقلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، ھېيت كېلىش ئالدىدا ئايروپىلان بېلىتىگە بولغان ئېھتىياج ئاشقاچقا، ئايروپىلان بېلەت باھاسىمۇ ئۆسۈشكە باشلىغان.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭ تارماق شىركىتى بازار بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، قۇربان ھېيت ھارپىسىدا (31-ئاۋغۇست)، ئۈرۈمچى-بېيجىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى1830 يۈەندىن، ئۈرۈمچى -شاڭخەي ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بېلەت باھاسى 2510 يۈەندىن باشلىنىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا ئۈرۈمچى- سەنيا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بېلەت باھاسى 2510 يۈەندىن، ئۈرۈمچى-خاڭجۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بېلەت باھاسى 2070 يۈەندىن باشلىنىدىكەن.

  شىنجاڭنىڭ ئىچىدە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنىڭ بېلەت باھاسى ئوخشىمىغان دەرىجىدە ئۆسكەن بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئېتىبار باھادا سېتىش ئاساس قىلىنغان. 31-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى- غۇلجا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بېلەت باھاسى 250 يۈەندىن باشلىنىدىكەن؛ ئۈرۈمچى- قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ بېلەت باھاسى 640 يۈەندىن باشلىنىدىكەن، 2-سېنتەبىر 490 يۈەنگە چۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر