باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخ»ى تەربىيەسىدە باشلامچىلىق رول ئوينايمەن

شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، تەتقىقاتچى ئەنۋەر قاسىم

2017.08.17 14:26         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭ ئەزەلدىن كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇپ، ئورتاق تارىخ، ئوخشاش ئېتىقاد شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاق، ئىناق چوڭ ئائىلە قىلىپ ئۇيۇشتۇردى. مەن ئاددىي ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلدۇم، كىچىكىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان چوڭ قورۇدا چوڭ بولۇپ، ھەر مىللەت دوستلار بىلەن بىللە ئوقۇپ ۋە ئويناپ، سېنىڭ- مېنىڭ دېيىشمەي چوڭقۇر دوستلۇق ۋە مېھىر- مۇھەببەت ئورناتتۇق، ئاز كەم 40 يىلدىن كېيىنمۇ، بىز بالىلىق دەۋرىمىزدىكى ئاشۇ دوستلۇقنى داۋاملىق ساقلاپ كېلىۋاتىمىز. مەن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنغان چېغىمدا، قورۇدىكى ئاكا- ھەدىلەر مېنى تەبرىكلىگەن ۋە ئۇزىتىپ قويغانىدى. مەكتەپ پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ساقلاش خىزمىتىنى ئىشلىدىم، بۇ جەرياندا مەن خەنزۇتىلى ۋە ئۇيغۇرتىلىنى قوللىنىپ تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندىم، كىتاب، تەرجىمە ئەسەرلىرىمنى نەشر قىلدۇردۇم، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش، مۇزېيشۇناسلىق، يىپەك يولى مەدەنىيىتىگە ئائىت 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىنى يېزىپ ۋە تەرجىمە قىلىپ، دۆلەت ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ھەر خىل ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلدىم ھەم خەلقئارا ۋە مەملىكەت ئىچىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا كۆپ قېتىم قاتناشتىم، كېيىن خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، رەھبەرلىك ئورنىغا چىقتىم. مەن پارتىيەنىڭ ئىللىق قۇياش نۇرى ئاستىدا ئۆسۈپ يېتىلدىم، مېنىڭ ئېرىشكەن بارلىق نەتىجىلىرىمنى ئۇلۇغ پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىزنىڭ ھىممىتىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ قايمۇقتۇرۇشى تۈپەيلىدىن، بىزنىڭ گۈزەل يۈرتىمىزدا كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرى يۈز بەردى، بىراق مېنىڭ ھەر مىللەت كەسىپداشلىرىم، ساۋاقداشلىرىم ۋە دوستلىرىم بىلەن بولغان مېھىر- مۇھەببىتىم ئىنتايىن مۇستەھكەم بولدى. پارتىيەنىڭ كۆپ يىل تەربىيەسىنى ئالغان كومپارتىيە ئەزاسى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭدا دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە زەھىرىنىڭ يامرىشىدىن تولىمۇ ئەندىشە قىلدىم ھەم ئىنتايىن غەزەپلەندىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى بولمىغان بولسا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكى بەختىيار، خاتىرجەم تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى، 21- ئەسىر ھەر قايسى مىللەتلەر بىرلىكتە تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلەپ، زامانىۋى مەدەنىيلىكنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان يېڭى ئەسىر. «ئۈچ خىل كۈچ» «مىللەت» ۋە «دىن»نى دەستەك قىلىۋېلىپ، ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ نادانلىقىدىن پايدىلىنىپ، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنى تەرغىب قىلىپ ۋە سىڭدۈرۈپ، مىللىتىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە قارا چاپلاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەزىل غەرىزىگە يەتمەكچى بولدى.

  ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىغا نەزەر سالساق، ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخ ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە مىللەت بولۇپ، باشتىن- ئاخىر ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن قوبۇل قىلىش، ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت سىستېمىسى ۋە مەدەنىيەت مەزمۇنىنى بېيىتىپ كەلگەن. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كېلەلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان تارىخىي مەزگىللەردە ئەتراپتىكى مىللەتلەر بىلەن ئۈزلۈكسىز ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش ئارقىلىق ئوچۇق پوزىتسىيە بىلەن ھەرخىل ئىلغار مەدەنىيەتنى قوبۇل قىلىپ، رايون ۋە مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياراتتى. ھەممەيلەنگە ئايانكى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى مىللىي مەدەنىيەتنىڭ جۇغلانمىسى، ئۇنىڭدا ھەم مىللەتنىڭ ئۆتمۈشى، ھەم مىللەتنىڭ كەلگۈسى نامايان قىلىنىدۇ، مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان، مىللىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىلغا ئېلىنسا، نۇرغۇن كىشى بىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىمىزنى مەڭگۈ «ئەينەن» ساقلاپ، قىلچە ئۆزگەرتمەسلىكنى ئۈمىد قىلدى. بىراق، ئىنچىكىلىك بىلەن ئويلاپ باقساق، مىللىي مەدەنىيەت ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا شەكىللەنگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، شەك- شۈبھىسىزكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ داۋاملىشىدۇ، ھەرگىز مەلۇم تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا مۇقىملىشىپ قالمايدۇ. تارىخىي كاتېگورىيەگە تەئەللۇق بولغان مىللىي مەدەنىيەتنى مەڭگۈ «ئەينەن» ساقلاپ قېلىش تولىمۇ قىيىن. دەۋرنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭىچە «تۈس» قوشۇلمايدۇ، يېڭىچە «پۇراق» شەكىللەنمەيدۇ، دېيىش مۇمكىن ئەمەس. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە نىسبەتەن قويۇق مىللىي ھېسسىياتى بار، شۇنداقلا شۇ ئاساستا ئۆز مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قەدىرلەش ۋە قوغداش كۈچلۈك ئارزۇسى شەكىللەنگەن. بىراق ھەمىشە ئەنئەنىگە ئېسىلىۋېلىپ، ئەنئەنىگە بېكىنىۋېلىپ، كونا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئەندىزىسىنى جاھىللىق بىلەن ساقلاش مۇقەررەر ھالدا مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىگە توسالغۇ بولىدۇ. مۇبادا ئەنئەنە ئارقىلىق دەۋر تەلىپى چەتكە قېقىلغان بولسا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۇسسۇل- مۇزىكىسى، مىللىي كىيىم- كېچەكلىرى، مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكى، ئەنئەنىۋى يېمەك- ئىچمەكلىرى، ھەتتا ھۈنەر- سەنئىتى شۇنچە مول مەزمۇنغا ئىگە بولالمىغان بولاتتى.

  شۇڭلاشقا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن زىيالىيلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھازىر پارتىيەگە، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل يېتىپ كەلدى. مەن ھەرقاچان، ھەر زامان پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پۈتكۈل ھاياتىمدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيە ۋە «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىگە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇپ، باشتىن- ئاخىر ئىچى- تېشىم ۋە سۆز- ھەرىكىتىمنى بىردەك قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنى باشتىن- ئاخىر ھەممىدىن مۇھىم زور سىياسىي ۋەزىپە ۋە تارىخىي بۇرچۇم دەپ قاراپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر ۋە «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداشنىڭ باشلامچىلىرىدىن بولۇشقا تىرىشىمەن.

  مەدەنىيەت سېپى بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مۇھىم ساھە، «ئىس- تۈتەكسىز جەڭگاھ» بولۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» ئۇزاقتىن بۇيان ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى سىڭدۈرمىچىلىكنى باشتىن- ئاخىر بوشاشتۇرماي، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە بىز بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئېلىشىشقا ئۇرۇندى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ساھەسى ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىدىغان مۇھىم كۆزنەك ھەم ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر خىزمەتچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدا ماركسىزملىق «بەش قاراش» ۋە «بەشنى تونۇش»نى باشتىن- ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش ۋە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى سىياسىي دادىللىق ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن، ئىلمىي، توغرا تەتقىقات نەتىجىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كۆپ، قىممەتلىك تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ھەر خىل ھۆججەت- ماتېرىياللار ئارقىلىق، ھەر مىللەت خەلق، بولۇپمۇ ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، مىللەت، دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىش جەريانى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ بېرىمەن، پاكىت ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەكسىيەتچىل سەپسەتىسىنى سۆكۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش قىلىش قەتئىيلىكى ۋە ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىمەن. مەدەنىيەت بازىمىزدىن تولۇق، ياخشى پايدىلىنىپ، قوش تىل بىلىشتەك ئەۋزەللىكىم ۋە ئالاھىدىلىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىلمىي، توغرا تەتقىقات نەتىجىلىرىم ئارقىلىق تەشۋىق- تەربىيەنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنى تارىخىي پاكىتنى بىلىشكە يېتەكلەش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات نەتىجىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، شىنجاڭنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تېخىمۇ زور رول ئوينىشىغا تۈرتكە بولىمەن.

  مەدەنىيەت سېپىدىكى بىر جەڭچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قولۇمدىكى قەلەم ئارقىلىق «پانئىسلامىزم»، «پانتۈركىزم» ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىگە رەددىيە بېرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسى ۋە ئەكسىيەتچىل غەرىزىنى تەلتۆكۈس ئېچىپ تاشلاپ، چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىدە سەگەك ئىدىيەۋى تونۇشنى ساقلاپ، بايرىقىم روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرىمەن، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى قەتئىي پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ تارىخنى بۇرمىلاش، يالغان- ياۋىداق ئويدۇرۇپ چىقىرىش سەپسەتىسىنى پاش قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى پولات قورغاننى ھەقىقىي مۇستەھكەملەپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى جان تىكىپ قوغداپ، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ تارىخ»ى تەربىيەسىدە باشلامچىلىق رول ئوينايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر