باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

تارىخنى بۇرمىلاشقا، ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ

قاراماي شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى دولقۇن تۇرغۇن

2017.08.17 14:25         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مىلادىدىن بۇرۇنقى 60- يىلى، غەربىي خەن سۇلالىسى مەركىزىي ھاكىمىيىتى غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى (ھازىرقى بۈگۈر ناھىيەسىدە)نى تەسىس قىلغان، بۇ غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي يۇرتقا ئىگىلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغانلىقىدىن، شىنجاڭنىڭ جۇڭگودىن ئىبارەت بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەتنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 2000 نەچچە يىلدىن بۇيان شىنجاڭ ئىزچىل مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، باشتىن- ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولۇپ كەلدى، شىنجاڭنىڭ تەقدىرى ۋەتەننىڭ تەقدىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەلدى.

  ئىنسانشۇناسلىق ۋە تارىخشۇناسلىق شۇنى ئىسپاتلىدىكى، دۇنيادا ساپتىن ساپ مىللەت يوق، ساپتىن ساپ مىللىي مەدەنىيەتمۇ يوق. شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر تەرەققىيات تارىخىغا قارايدىغان بولساق، بۇ تارىخنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا چوڭ دائىرىدە كۆچۈش، چوڭ دائىرىدە ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدىكى ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، ئارىلىشىش تارىخى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. داڭلىق ئالىم مېڭ فەنرېن ئەپەندى ئېيتقاندەك: «مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىل ئالاقىلىشىشى ۋە قوشۇلۇشى نەتىجىسىدە، خەنزۇلاردىن باشقا، ھازىر شىنجاڭدا ياشاۋاتقان مىللەتلەرنىڭ بىرەرسىمۇ خەن ۋە تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدە شىنجاڭدا ياشىغان مىللەتلەرنىڭ ئەسلىي ئەۋلادى ئەمەس، ھەتتا بىرەر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىمۇ ئەينى دەۋردىكى مەلۇم مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئەندىزىسى ۋە تەرەققىيات ئىزناسى ئاساسىدا بىۋاسىتە داۋاملىشىپ كەلگەن ئەمەس». ئالدىنقى چىن سۇلالىسى دەۋرىدىلا، شەرق بىلەن غەربتىكى ئىككى چوڭ ئىرق بۇ يەردە قوشۇلغان، چىن ۋە خەن سۇلالىسىدىن كېيىن، شىمالدىكى مىللەتلەر بۇ يەردە ئۆزئارا ئالاقىلەشكەن، ئۆزئارا تالاش- تارتىش قىلغان، ئۆزئارا قوشۇلغان، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىگە كەلگەندە، شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئەندىزە شەكىللەنگەن.

  «ئۈچ خىل كۈچ» ئەسلىنى ئۇنتۇپ، تارىخىي پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسى ۋە تەرەققىياتىنى ئىنكار قىلىپ، بىمەنىلەرچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى تۈرك ۋە ئەرەبلەر دەپ قاراپ، تۈركىيەلىكلەر بىلەن ئۆزلىرىنى «يىلتىزداش»، «نەسەبداش» دەپ خام خىيال قىلىپ كەلمەكتە. دۇنيادىكى ھازىرقى تۈركىي تىللار سىستېمىسىدىكى تەخمىنەن 30 مىللەت قەدىمكى تۈركىي قەبىلىلەر بىلەن مەدەنىيەت ۋە بەدەن ئالاھىدىلىكى جەھەتتە ماھىيەتلىك پەرقلىنىدۇ، ئۇلار ھەرگىز بىر مىللەت ئەمەس. شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ياشىغان رايون بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركلەر ۋە تۈركىيەلىكلەر بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق.

  شىنجاڭ قەدىمدىن تارتىپ كۆپ دىن ئورتاق مەۋجۇت بولغان ھەم تەرەققىي قىلغان رايون بولۇپ، كۆپ خىل دىن ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئۆزئارا قوبۇل قىلىشىپ، قوشۇلۇپ كەلگەن. ئۇيغۇرلار تارىختا شامان دىنى، ئاتەش دىنى، نېستورىئان دىنى، مانى دىنى، بۇددا دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان، كېيىن ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ، تا بۈگۈنگىچە ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

  «ئۈچ خىل كۈچ» غالجىرلىق بىلەن: شىنجاڭدا بىرلا مىللەت، ئىسلام دىنىلا بار دەپ جار سېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىن بۇيان كۆپ خىل دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، كىشىلەرنى ھە دەپ دىنىي ئەسەبىيلىككە قۇترىتىپ، نورمال دىنىي كەيپىياتنى ياتلاشتۇردى، زەھەرلەشتۈردى ۋە ئەسەبىيلەشتۈردى، دەھرىي ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىسلام شەرىئىتى ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان خەلىپىلىكنى كۈچىنىڭ بارىچە تەرغىب قىلىپ، «ئاللاھ»تىن باشقىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنىڭ ھەممىسى «كاپىر» ۋە «دىن ئاسىيلىرى» دەپ قۇترىتىپ، ئاتالمىش «كاپىرلار»نى مازاق قىلدى، مەسخىرە قىلدى، يېتىم قالدۇردى ۋە ئۇلارغا تەھدىت سالدى، ھەتتا چېكىدىن ئاشقان، قەبىھ ۋاسىتىلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلدى.

  «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ تارىخنى ئۆزگەرتكەنلىكى ئەمەلىيەتتە ئەجدادلىرىغا، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىگە ئاسىيلىق قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىز بۇنىڭغا قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرساق بولمايدۇ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھەرقانداق يامان غەرىزىنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا قەتئىي يول قويماسلىقىمىز كېرەك!

  «ئۈچ خىل كۈچ» شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى ۋە دىنىي ئېتىقادنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى ئىنكار قىلىپ، بۇرمىلاپ، ئۆزگەرتىپ، شىنجاڭنىڭ بىر گەۋدە، كۆپ مەنبەلىك، كۆپ مىللەتلىك تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئىنكار قىلىپ، سەپسەتە ئويدۇرۇپ، كىشىلەرنى ئازدۇرۇپ، خەلقنى ئالداپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىن يوچۇق تاپماقچى بولدى، ئۇلارنىڭ رەزىل غەرىزى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا زىيان يەتكۈزۈش، جىنايى مەقسىتى شىنجاڭنى ۋەتەن قوينىدىن ئايرىپ چىقىش. بىز «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل غەرىزى ۋە جىنايى مەقسىتىنى ئېنىق تونۇشىمىز كېرەك، «مىللەت»، «دىن» ئۇلارنىڭ دەستىكى ۋە باھانىسى خالاس، ئەمدى ئۇلارنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەسلىكىمىز، ئۇلارغا مەھكۇم بولماسلىقىمىز ۋە ئۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىگە چۈشۈپ قالماسلىقىمىز، بىر چەتتە قول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرماسلىقىمىز ۋە سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك!

  ئىدېئولوگىيە ساھەسى ئىس- تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى. «ئۈچ خىل كۈچ» قاتتىق باش قاتۇرۇپ، بارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە سىڭىپ كىرىپ، بىزدىن كىشىلەر قەلبىنى، ئاممىنى ۋە بازىنى تالىشىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ رەزىل ئەپت- بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ، يۈكسەك سەگەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، بۇرچىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش بايرىقىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ مۇقىملىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىشىمىز كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى پېشقەدەم جەڭچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، باشلامچى، ئاۋانگارتلاردىن بولىمەن.

  تارىخ ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان پاكىتلار بىلەن شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۇيغۇر خەلقى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننىڭ بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشقا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى مىللەتلەر ئىتتىپاقلاشقان، ئۇيۇشقان، جاسارەت بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلىگەن تارىخ. ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت خەلق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىلا باراۋەر، ئىتتىپاق، ئىناق، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرەلەيدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىنىڭ نېگىزلىك ئۇل تېشى، شۇنداقلا 1 مىليارد 003 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. مەن ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە يوقىتىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرنى تۈپتىن تازىلايمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر