باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قىسمەن يولۇچىلار ئايروپىلانىدا سىمسىز تور مۇلازىمىتى يولغا قويۇلدى

2017.08.17 14:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتى 7- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بىر قىسىم يولۇچىلار ئايروپىلانىدا سىمسىز تورنى يولۇچىلارنىڭ ھەقسىز ئىشلىتىشى ئۈچۈن ئېچىۋەتتى. بۇنىڭدىن كېيىن يولۇچىلار ئايروپىلاندا سەپەرگە چىققاندا، خاتىرە كومپيۇتېر ياكى تاختا كومپيۇتېرنى بىۋاسىتە سىمسىز تورغا ئۇلاپ كىنو كۆرسە، ئېلېكتىرونلۇق كىتاب ئوقۇسا، ئويۇن ئوينىسا ياكى مۇزىكا ئاڭلىسا بولىدۇ.

  7- ئاينىڭ 30- كۈنى ئۈرۈمچىدىن نەنجىڭغا قاراپ ئۇچقان نۆۋەتچى ئايروپىلاندا، ئون نەچچە يولۇچى ئايرو خانقىزنىڭ ياردىمىدە خاتىرە كومپيۇتېرىنى سىمسىز تورغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇلاپ، بۇ يېڭىلىقتىن بەھرىمەن بولدى. ئايروپىلان خادىمى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئايروپىلان بوشلۇقتا تەكشى ئۇچۇۋاتقاندا، يولۇچىلار بۆلۈمچىسىدە سىمسىز تورنى ئىشلىتىشكە بولىدۇ. بۇ سىمسىز تورنىڭ ئۇلىنىش سۈرئىتى تېز، كۆرۈش جەريانىدا ئۈزۈلۈپ كېتىدىغان ياكى قېتىپ قالىدىغان ئەھۋاللار ئاساسەن كۆرۈلمەيدۇ.

  ئۇقۇشىمچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ شىنجاڭ شۆبە شىركىتى بۇ يىل يېڭىدىن كىرگۈزگەن ئۈچ بوئېن 737- 800 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىغا سىمسىز تور ئورۇنلاشتۇرغان. بۇنىڭدىن كېيىن، يېڭىدىن كىرگۈزىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ ھەممىسىگە سىمسىز تور ئورۇنلاشتۇرىدىكەن ھەمدە تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى تېخىمۇ موللاشتۇرىدىكەن. تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنىڭ مەزمۇنىنى تاللاش ھوقۇقىمۇ يولۇچىلارنىڭ ئىلكىدە بولىدىكەن. ئەمما، شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، ئايروپىلان ئۇچۇش جەريانىدا يولۇچىلارنىڭ يان تېلېفون ئىشلىتىشىگە ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفونلارنى سىمسىز تورغا ئۇلىشىغا يول قويۇلمايدىكەن. شۇڭا، يولۇچىلار ئايروپىلانىدا سىمسىز تور ئىشلەتمەكچى بولسا، چوقۇم خاتىرە كومپيۇتېر ياكى تاختا كومپيۇتېر ئىشلىتىشى كېرەك ئىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر