باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، كۆپ تەرەپتىن ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى بېجىرىشنى چىڭ تۇتۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش كېرەك

2017.08.16 15:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى 8- ئاينىڭ 14- كۈنىگە قەدەر ئاپتونوم رايونغا تۆت تۈركۈمدىكى جەمئىي 146 ئەرزىيەتنى ئۆتكۈزۈپ بەردى. رايون دائىرىسى ئاپتونوم رايوندىكى 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ئىچىدە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، خوتەن ۋىلايىتى ۋە بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىن باشقا 11 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىغان بولۇپ، بۇلغىنىش تۈرى ئاتموسفېرا، شاۋقۇن، سۇ، چاڭ- توزان، قاتتىق تاشلاندۇق، بۇس قاتارلىقلارغا چېتىلدى.

  ئاپتونوم رايوندىكى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەتلەرنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، 24 سائەت كۆپ تەرەپتىن ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە تاپشۇرغان ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى تېز بېجىرىشنى چىڭ تۇتۇشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاتلاندى.

  ئاقسۇ ۋىلايىتى:

  كۆپ تارماق بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ، نەق مەيداندا تۈزەتتى

  ئاقسۇ ۋىلايىتى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن «بىڭتۈەن 1- شى 5- تۈەن قارايۇلغۇن ۋوگزالىنىڭ كۆمۈر مەيدانىدىكى بۇلغىنىش» توغرىسىدىكى ئەرزىيەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ ۋالىيسى دەرھال تەستىقىي يوليورۇق بەردى، مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مەسئۇل رەھبىرى ئەرزىيەت ئىدارىسى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، خەتەرلىك بۇيۇملارنى باشقۇرۇش مەركىزى، ئونسۇ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى، 1- شىنىڭ 5- تۈەنى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ رەھبەرلىرىنى باشلاپ، نەق مەيدانغا دەرھال باردى. نەق مەيداندا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى قەشقەر يۈك توشۇش مەركىزى ئاقسۇ تىجارەت بۆلۈمى ئاقسۇ تىجارەت ئىشخانىسى قارايۇلغۇن مەشغۇلات نۇقتىسىنىڭ مۇناسىپ بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، چاڭ- توزان بېسىقتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى سەپلىمىگەنلىكى، مەشغۇلات رايونى يەر يۈزى ۋە يۈك توشۇش ئاپتوموبىل يولىنىڭ قاتتىقلاشتۇرۇلمىغانلىقى، كۆمۈر قاچىلاش- چۈشۈرۈش، توشۇش جەريانىدا چاڭ - توزان كۆتۈرۈلۈش ئەھۋالىنىڭ مەۋجۇتلۇقى بايقالدى.

  ئونسۇ ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى بۇ كارخانىنىڭ ئۈچ ئاساسلىق قاچىلاش- چۈشۈرۈش ئەسلىھەسىنى نەق مەيداندا پېچەتلىدى ھەم كۈن بويىچە جەرىمانە قويۇش تەرتىپىنى يولغا قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ كارخانىنىڭ 8- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن بۇرۇن مەيداندىكى كۆمۈر بۇلغىنىشىنى مەنبەدىن تازىلىشىنى، قۇم- شېغىل ياتقۇزۇپ ئەسلىي قىياپىتىگە كەلتۈرۈشىنى ھەم سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇ پۈركۈش ئارقىلىق چاڭ- توزاننى تىزگىنلىشىنى تەلەپ قىلدى. ئونسۇ ناھىيەسى باھالاش سالاھىيىتى بار ئاپپاراتقا بۇلغانغان يەرنىڭ زىيانغا ئۇچراش ئەھۋالىنى باھالاشنى ھاۋالە قىلدى. 1- شىنىڭ 5- تۈەنى باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، ئەرز قىلغۇچىنىڭ دەۋا تەلىپىنى قانۇنىي يول بىلەن ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كارخانىنى دەرھال يۇقىرى دەرىجىلىك تارماق − ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسىگە بۇ قېتىمقى مۇھىت بۇلغىنىش دېلوسىنى مەلۇم قىلىشقا، قارايۇلغۇن يۈك مەيدانىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىنى تۈزەش تەدبىرىنى دەلىللەپ، مۇناسىپ بۇلغىنىشنى تۈزەش ئەسلىھەلىرىنى سەپلەشكە بۇيرۇدى.

  ئالتاي ۋىلايىتى:

  دېلونى تاپشۇرغان ھامان بېجىرىپ، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى تەلتۆكۈس تەكشۈردى ۋە تۈزەتتى

  ئالتاي ۋىلايىتى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن «ئالتاي شەھىرى باغچە يولى مۇھىت تازىلىقى باشقارمىسىنىڭ قىران دەرياسىغا بۇلغانغان سۇ قويۇپ بەرگەنلىكى» توغرىسىدىكى ئەرزنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ ئەرزىيەت- نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى ئالتاي شەھىرىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى، مۇھىت تازىلىقى باشقارمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار خادىملار بىلەن ئامما ئەرز قىلغان نۇقتىسىغا بېرىپ، قىران دەرياسى باغچە يولى رايونىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئالتاي شەھەرلىك مۇھىت تازىلىقى باشقارمىسىنىڭ تازىلىق ئاپتوموبىلىنىڭ ھەر كۈنى قىران دەرياسىدىن سەككىز توننا سۇ تارتىپ كوچا تازىلاشقا ئىشلىتىدىغانلىقى، تازىلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سۇ باكىدا قالغان (تەخمىنەن بىر توننا) سۇنى تۆگە چوققىسى ئېتىكىدىكى قىران دەرياسى يولى بويىدىكى سۇ چىقىرىۋېتىش ئېغىزىغا قويۇپ بېرىدىغانلىقى ئېنىقلاندى.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك ئەرزىيەتنى ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش گۇرۇپپىسى ئالتاي شەھەرلىك ھۆكۈمەتتىن قىران دەرياسىغا يولنى يۇيغان مەينەت سۇلارنى قويۇپ بېرىشنى دەرھال توختىتىشنى، مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى، ئالتاي شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مۇھىت تازىلىقى باشقارمىسىدىكى ئاساسلىق رەھبەرنى چاقىرتىپ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈشىنى، تەشۋىقات تارماقلىرىنىڭ ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش، بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسىنى تاراتقۇلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشنى، ئامما ئىنكاس قىلغان ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىپ، پۇقرالارنى رازى قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ئالتاي ۋىلايىتى ئەرزىيەتنىڭ بېجىرىلىشىنى نازارەت قىلىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىغا ئومۇميۈزلۈك بويسۇنۇپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، ئەرزىيەت دېلولىرىنى تاپشۇرغان ھامان بېجىرىپ، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، خىزمەت سۈپىتى ۋە ۋاقىت ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىر ئىشقا جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەربىر ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرگەن.

  سانجى ئوبلاستى:

  ئاكتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېلو بېجىرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى

  8- ئاينىڭ 12- كۈنى سەھەر سائەت 2دە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش 8- گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەتتىن بەشنى، مۇھىم مۇھىت ئاسراش مەسىلىسىدىن ئۈچنى تاپشۇرۇۋالدى. سانجى ئوبلاستى مۇناسىۋەتلىك ناھىيە، شەھەر، رايونلارنى دەرھال تەكشۈرۈپ بېجىرىپ، ئىشنى سۈرۈك ئىچىدە پۈتتۈرۈشكە بۇيرۇدى. دېلو بېجىرىش گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى كېچىلەپ كېڭىشىشكە تەشكىللىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دېلوغا چېتىشلىق ناھىيە، شەھەر، رايون ۋە ئوبلاستقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئالاقىدار تارماقلارغا ئۇقتۇرۇش قىلدى. 8- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەرزىيەت بېجىرىش گۇرۇپپىسى ئەرزىيەتلەرنى نەق مەيداندا بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىن بەشنى ماناس ناھىيەسى، سانجى شەھىرى، فۇكاڭ شەھىرى ۋە شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىكى گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى قانۇن- بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ھەم مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ئەۋەتتى.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سانجى ئوبلاستلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاكتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم ئوبلاستنىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى قۇرغان، رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى قارىمىقىدا ئىشخانا ۋە يەتتە خىزمەت گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىپ، مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە ماسلاشقان. مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش بويىچە بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بېجىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەخسۇس «مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئەرزىيەتلەرنى بېجىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، ئىش تەقسىماتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دېلو بېجىرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغان.

  تۇرپان شەھىرى:

  نازارەت قىلىش، تۈزىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە بۇيرۇدى

  8- ئاينىڭ 13- كۈنى سائەت 11دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە، تۇرپان شەھىرى مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن «تۇرپان <جۇڭچى> مىسچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مىس تاۋلاش زاۋۇتى پەيدا قىلغان بىر قەدەر ئېغىر چاڭ- توزان، زور شاۋقۇن بولۇش، كۈندۈزى قارا ئىس چىقىش ۋە تۈتەك كۆتۈرۈلۈش» قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئەرزىيەتنى تاپشۇرۇۋالدى. تۇرپان شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن دەرھال دېلونى مۇھاكىمە قىلدى ھەم سائەت 11دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە دېلونى ئىدىقۇت رايونلۇق ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، شەھەرلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ماسلىشىشقا بۇيرۇدى.

  8- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىدىقۇت رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى تۇرپان «جۇڭچى» مىسچىلىق چەكلىك شىركىتىنى نەق مەيداندا تەكشۈردى، تەكشۈرۈشتە ئىشلەپچىقىرىش تېخنولوگىيەسى ۋە نەق مەيداننى ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئەھۋالدىن «جۇڭچى» مىسچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ يىرىك مىس ۋە قالدۇق گازدىن كىسلاتا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ نورمال بولۇۋاتقانلىقى ئېنىقلانغان. قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلار ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى پېچ ئېغىزىدا ئاز مىقداردا ئىس ۋە سۇ پارى چىقىش ھادىسىسىنى، شۇنداقلا غەيرىي پۇراق چىقىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئىس چىقىرىش سەۋەبىنى يەنىمۇ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان.

  تۇرپان شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى نازارەت قىلىش، تۈزىتىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەكسىگە قايتىشىدىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى. شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركەزنىڭ مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ماسلاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەرزىيەت ئىشلىرىنى تەكشۈرۈش 3- گۇرۇپپىسى تۇرپان شەھەرلىك مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش تارماق ئەترىتى بىلەن تۇرپان «جۇڭچى» مىسچىلىق چەكلىك شىركىتىنى بىرلىكتە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈردى.تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ كارخانىنىڭ تاۋلاش سېخىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىغانلىقى، ئىس كىسلاتاسى ئىشلەپچىقىرىش سېخىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشتىن تەرتىپلىك توختىتىلىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى؛ كارخانىنىڭ پىششىقلانمىغان قوشۇمچە ماتېرىياللىرىنىڭ، كوكس كۆمۈرىنىڭ سىرتقا دۆۋىلەپ قويۇلغانلىقى، چاڭ- توزاننىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىنى تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى ھەم «تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تۈزىتىشكە بۇيرۇش قارارنامىسى»، «تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ مەمۇرىي جازا بېرىش ئالدىن ئۇقتۇرۇشى»نى چۈشۈردى.

  8- ئاينىڭ 14- كۈنى كەچكە قەدەر، «جۇڭچى» مىسچىلىق چەكلىك شىركىتى ئومۇميۈزلۈك ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىدى. ئىدىقۇت رايونلۇق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى ئالاقىدار قانۇن تەرتىپى بويىچە بۇ شىركەتكە تۈزىتىشكە بۇيرۇش، دېلو تۇرغۇزۇپ جازالاش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللاندى.

  قاراماي شەھىرى:

  تەرتىپ بويىچە ئەرزىيەت دېلولىرىنى بېجىرىشكە پائال ھەيدەكچىلىك قىلدى

  مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش گۇرۇپپىسى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى 2- تۈركۈمدىكى ئەرزىيەت دېلولىرىنى قاراماي شەھىرىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى، ئامما «كۈيتۈن شەھىرى <جىنبويۈەن> مەھەللىسى ئەتراپىدا بۇرۇننى ئېچىشتۇرىدىغان پۇراق بار، دەپ ئىنكاس قىلغان. پاش قىلغۇچىنىڭ ئېيتىشىچە، پۇراق مايتاغ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى تەرەپتىن چىققان بولۇپ، ھەر كۈنى كەچ سائەت 11لەر ئەتراپىدىن ئەتىسى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11لەرگىچە داۋاملىشىدىكەن».

  قاراماي شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شەھەرلىك مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلىش ئەرزىيەت گۇرۇپپىسى ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىش خىزمىتى تەرتىپىنى دەرھال يولغا قويۇپ، مۇھىت سۈپىتىگە قاراشلىق رايون مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى بويىچە، بۇ دېلونى مايتاغ رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى.

  مايتاغ رايونى 8- ئاينىڭ 13- كۈنى جىددىي يىغىن ئېچىپ، ئەرز قىلىنغان بۇ دېلونى تەھلىل قىلىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى.

  يىغىندىن كېيىن، «مەركەز مۇھىت ئاسراشنى نازارەت قىلغان مەزگىلدىكى نەق مەيدان گۇرۇپپىسىنىڭ تەكشۈرۈش لايىھەسى»، «مايتاغ رايونىنىڭ غەيرىي پۇراق توغرىسىدىكى ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش، ئاتموسفېرانى تەكشۈرۈش لايىھەسى»گە ئاساسەن، مايتاغ رايونىدىكى مۇھىت نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈش خادىملىرى دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، ئېتىلېن زاۋۇتى، «312» دۆلەت يولى، «217» دۆلەت يولى، «تيەنلى» ئوقەتچىلىك زاۋۇتى، مايتاغ نېفىت ئايرىش زاۋۇتى ئەتراپى قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپلىك COV ئۆلچەش ئەسۋابى بىلەن جىددىي تەكشۈردى.

  قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونى «ئالتۇنتاغ» يولى كوچا باشقارمىسى 4- مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى جاڭ تىڭ مۇنداق دېدى: بىز قاراماي شەھىرىدىكى مۇھىت ئاسراش تارماقلىرىنىڭ بۇلغىنىش مەنبەسىنى تېزدىن تېپىپ چىقىپ، بۇ يەرنىڭ مۇھىتىنى ياخشى تۈزەپ، مايتاغنىڭ ھاۋاسىنى تېخىمۇ ساپلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  (مۇخبىرىمىز ۋاڭ يايۈن، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز لۈ نا، جيا ۋېن، پېڭ يۈن، دۇ پېڭفېي، يۈ تاۋ، ما شۇجۈەن، دۇڭ يۈخۇڭ، ۋاڭ خۇي)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر