باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جىڭ ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايلار قايتا قۇرۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىردى

2017.08.16 15:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ھازىر جىڭ ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان جايلار ئاپەتتىن كېيىن قايتا قۇرۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش باسقۇچىغا ئومۇميۈزلۈك كىردى. خەتەرلىك ئۆيلەرنى چىقىش، يېڭى تۇرالغۇلارنى پىلانلاش قاتارلىق خىزمەتلەر تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىش پەسلى كىرىشتىن ئىلگىرى يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرىدىغان ئىسسىق ئۆيلەرگە كۆچۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنماقتا، 14 -ئاۋغۇستقىچە 866 ئېغىز ئۆي چېقىلدى.

  دەسلەپكى تەكشۈرۈشكە قارىغاندا ، 14-ئاۋغۇست سائەت 10غىچە يەر تەۋرەشتە 142 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ كەتكەن، 1060 ئېغىز ئۆي زىيانغا ئۇچرىغان. جىڭ ناھىيىلىك تۇرالغۇ ئۆي قۇرۇلۇش ئىدارىسى يەر تەۋرەش ئاپىتىدىن كېيىن قايتا قۇرۇش تۈرىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى تونۇشتۇردى: ھازىر ئاپەتكە ئۇچرىغان جايغا ئەخلەت توشۇيدىغان ۋە قۇرۇلۇش قىلدىغان ماشىنىدىن 80 دىن كۆپرەكى سەپلىنىپ، ئولتۇرۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئۆيلەر ئومۇمىيۈزلۈك چىقىلماقتا. بۇ ئىدارە ئادەم كۈچى تەشكىللەپ ئىسمىنا قوشۇپ ئىشلەپ ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارنى قايتا قۇرۇش پىلانىنى تۈزمەكتە. جىڭ ناھىيىلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى " ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى ئاممىغا ئىللىقلىق يەتكۈزىمەن" تېمىسىدىكى پاراۋانلىق پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا تۈرلۈك كىتاب، گېزىت ژورنالدىن 5000 دىن كۆپرەكنى يەتكۈزدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر