باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئائىلىسى

2017.08.16 15:13         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرسۇنئاي شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىچېگاشەن شىبە يېزىسىدىن، ئۇنىڭ ئائىلىسى كۆپ مىللەتتىن تەركىب تاپقان كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ئائىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ: تۇرسۇنئاي ئۇيغۇر، يولدىشى مىتكا داغۇر مىللىتىن ، كىلىنى خەنزۇ مىللىتىدىن. مىتكا مۇنداق دېدى: بىزنىڭ چوڭ ئائىلىنىڭ تەركىبىدە مىللەت تېخىمۇ كۆپ، سىڭلىمنىڭ يولدىشى شىبە، 2- كۈيوغلۇمنىڭ ئىنىسىنىڭ ئايالى خۇيزۇ.

  تۇرسۇنئاي بىلەن مىتكانىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيى قوشنا ئىدى، مىتكا دائىم تۇرسۇنئاي ئائىلىسىنىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى قىلىپ بىرەتتى.تۇرسۇنئاي ئائىلىسىنىڭ ئاشلىق سېتىشىغا ياردەملىشەتتى. تۇرسۇنئاي كۈلۈپ تۇرۇپ يولدىشىم كىلىشكەن ، يۇمۇرلۇق كىشى، ئىشنىمۇ ناھايىتى ياخشى قىلىدۇ، دېدى.

  مىللەت ، دىنىي ئىتىقاد ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، تۇرسۇنئاينىڭ ئانىسى دەسلىپىدە ئۇلارنىڭ توي قىلىشىغا قارشى تۇرغان ئىدى، لېكىن كېيىن قوشۇلدى.

  تۇرمۇش ئادىتى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ئائىلە ئەزالىرى ئۆز ئارا كەڭ قورساق بولدى، بىر بىرىنى ھۆرمەتلىدى. چاغان، قۇربان ھېيىت ۋە روزا ھېيىت ھەمدە شىبەلەرنىڭ غەرىبكە كۆچۈش بايرىمىدىن ئىبارەت قايسى مىللەتنىڭ بايرىمى بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ، بىر ئائىلە كىشىلىرى جەم بولۇپ تەبرىكلەيدۇ. تاماق ئۈستىلىمۇ لەغمەن، گۆش، ئەتكەن چاي قاتارلىق ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى تائاملار بىلەن تولىدۇ.

  گۈزەل شىنجاڭغا بارسىڭىز ھەممە جايدا مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئارىلىشىشىدىن ئىبارەت ھېكايىلەرنى ئاڭلايسىز. ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئۇزۇن مەزگىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بەكەن توختابىك مۇنداق دېدى: ئوبلاستىمىزدا نوقۇل بىرلا مىللەت ئولتۇراقلاشقان كەنىت، مەھەللە يوق، شۇنداقلا بىرلا مىللەت خىزمەت قىلىدىغان ئورۇنمۇ يوق، كۆپ مىللەت ئاممىسى خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا بىرگە بولۇپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ئالاقىلىشىش پۇرسىتىگە ئۆزلىگىدىنلا ئېرىشىدۇ.

  بېكەن توختابېك مۇنداق دېدى: بىز ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ ئادىتىگە ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۆز ئارا ئىشەنچ شەكىللەندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر