باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۇيغۇر قىزلىرى خېنەن كەشتىچىلىكىنى ئۆگەندى

2017.08.16 15:12         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رىزىۋانگۈل سەمەت ئىلگىرىكى كۈنلىرىگە سېلىشتۇرغاندا كەشتىچىلىكنى ياقتۇرۇپ قالدى، ئۇ خېنەن كەشتىچىلىكى تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتتى دېدى.

  ئۆتكەن يىلى خېنەن ئەنشيۇ مەدەنىيەت كەسپى چەكلىك شىركىتى كۇچا ناھىيىسىنىڭ ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا ماكانلاشتى ھەمدە ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كەشتىچى قىزلارنى قوبۇل قىلىپ خېنەننىڭ كەشتىچىلىك كەسپىنى ئۆگەتتى.

  يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ گېرۋىكىگە تارقاق جايلاشقان چوڭ كىچىك كەنتلەردىن كۆپلىگەن ئۇيغۇر كەشتىچى قىزلار بارىلىققا كەلدى، رىزىۋانگۈل سەمەت ئۇلارنىڭ بىرسى. يىڭنە ئىشىدىن خەۋىرى بار رىزىۋانگۈل سەمەت تىزلا تەربىيىلەشتە لاياقەتلىك بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ توختاملىق كەشتىچىسى بولۇپ قالدى.

  بىر ئايدا 2500 يۈەندىن كۆپرەك كىرىمگە ئىگە بولۇپ، رىزىۋانگۈل سەمەت ئائىلىسىنىڭ ھال كۈنى خېلى ياخشىلاندى.

  ھازىر دەل جەنۇبي شىنجاڭدا دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلى، كەشتىچى قىزلارغا شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، خېنەن ئەنشيۇ مەدەنىيەت كەسپى چەكلىك شىركىتى زاكاز قىلىش قېلىپىنى قوللىنىپ، ئۇلارنىڭ كەشتىچىلىكنى ئۆيىدە قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى؛ ھەر ھەپتىدە خېنەندىن كەلگەن كەشتىچى مۇئەللىملەر يېزىلارغا بېرىپ يېتەكچىلىك قىلدى، شىركەت كەشتە بويۇملىرىنى قەرەلسىز يىغدى.

  كەنت ئاھالىسى زەيتۈنەم ئىسمائىل ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ھازىر قېينائانام كېسەلچان بولۇپ قالدى، بىر تەرەپتىن ئائىلىنىڭ تېرىقچىلىقىنى قىلسام يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالىمەن، ئۇنىڭ كېسىلى ساقايغاندىن كېيىن، مەم يەنە سىڭلىم بىلەن كەشتىچىلىك قىلىپ ، ئائىلەمدىن چىقمايلا كىرىم قىلالايمەن.

  شىركەتنىڭ باش دىرىكتورى پېڭ شۈيىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر كۇچا ناھىيەسىدە 400 ئۇيغۇر قىز كەشتىچىلىك كەسپى بىلەن تەربىيىلەندى. ئالدىنقى ئايدا قۇمۇل شەھىرىنىڭ بارىكۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيىسىدە شىنجاڭدىكى 2- شىركىتىمىز قۇرۇلدى. ھازىر كەشتىچىلەرنى قوبۇل قىلىۋاتىمىز، يېزىلاردىكى تېخىمۇ كۆپ قىزلارنىڭ ئائىلىسىدىن چىقىپ بېيىش يولىغا مېڭىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر