- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە يامغۇر يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ
2017.08.16 15:11 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالدىنقى ھەپتىنىڭ ئاخىرىدا ياغقان يامغۇر بىلەن تەڭ ئۈرۈمچى شەھەر ئاھالىلىرى كۈزنىڭ ھاۋاسىنى كۈتۈۋالدى. مۇشۇ ھەپتىدە ئۈرۈمچىدە تۆۋەن تېمپېراتۇرا پەقەت℃14 بولىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ 14-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، 17-ئاۋغۇست ئۈرۈمچى شەھەر رايونى، مىچۈەن-كۆكتاغ رايونىدا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن، جەنۇبىي شەھەر ئەتراپى رايونى ۋە تاغلىق رايوندا ئوتتۇراھال يامغۇر يېغىپ، قىسمەن جايلاردا قاتتىق ياكى قارا يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ باش مەلۇماتچىسى ۋاڭ جيەننىڭ تونۇشتۇرىشىچە، مېتېئورولوگىيە ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، ئۇدا بەش كۈندىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا℃20تىن تۆۋەن بولسا ھەمدە كېيىنكى مەزگىلدە تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشى كۆرۈنەرلىك بولمىسا، كۈز كىرگەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدىكەن. ئاۋۋالقى يىللاردىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ كۈز ۋاقتى تەخمىنەن ئاۋغۇستىنىڭ ئاخىرلىرىغا توغرا كېلىدىكەن.
ۋاڭ جيەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، 12-ئاۋغۇستتىن 13-ئاۋغۇستقىچە تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەن بولغان، ئەمما 14-ئاۋغۇستتىن باشلاپ كەلگۈسى ئۈچ كۈندە ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرا℃20تىن يۇقىرى بولىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر