باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

كېيىنكى يېرىم يىللىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

2017.08.15 15:23         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھازىرقى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى نۇقتىلىق تەھلىل قىلىندى، كېيىنكى يېرىم يىللىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا خىزمىتى مۇزاكىرە قىلىنىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېزا خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايونىمىزدا يېزا ئىگىلىكىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 34 مىليارد 505 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشتى، ئېشىش سۈرئىتى 1- پەسىلدىكىدىن 0.8 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 70 مىليارد 130 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز يېزىلىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 1624 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئاشتى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى زىچ چۆرىدىلىپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت خىزمەت ئاساسىي رىتىمى ئىگىلىنىپ، 1- كەسىپتە سەۋىيەنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەر ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىنىڭ يۈرۈشۈشى ياخشى بولدى، ئاساسلىق كۆرسەتكۈچلەر مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، يېزىلاردا ئىجتىمائىي ئىشلار ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. لېكىن ھازىر يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي خىزمىتىدە يەنە نۇرغۇن زىددىيەت، مەسىلە ساقلانماقتا، ئۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىزگە ھەم ئۇنى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېيىنكى يېرىم يىللىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادى خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مەسىلە ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىياتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق نىشان- ۋەزىپىلەرنى تولۇق ئورۇنداشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كېيىنكى يېرىم يىلدا نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى، كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنى ئېچىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ راۋان ئوبوروت قىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ دېھقانلارنىڭ يۆتكىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ ئىش ھەققى خاراكتېرلىك كىرىمىنى ئاشۇرۇش؛ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېشىل ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى كېڭەيتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئېغىر نامرات رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلۇشتا ئۈنۈم بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. كېيىنكى يېرىم يىللىق يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا ئىقتىسادىي خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئومۇمىيلىققا مۇناسىۋەتلىك، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەزا ئورۇنلار بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ياخشى تۇتۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر