باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ھەيدەكچىلىك قىلىش 1- گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلدى

2017.08.15 15:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۈن خۇاشەن باشچىلىقىدىكى گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى ھەيدەكچىلىك قىلىش 1- گۇرۇپپىسى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىدىكىلەرگە ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى.

  سۈن خۇاشەن ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ بۇ قېتىمقى خىزمەت ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن مەملىكەت بويىچە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى توغرىسىدىكى قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ مۇھىم تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر، پەۋقۇلئاددە ئېغىر، زور ھادىسىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، خەۋپ- خەتەرنى ئۈنۈملۈك ئازايتىش، ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى ۋاقتىدا تۈگىتىشتىكى كۈچلۈك تەدبىر. مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش تېلېۋىزىيە- تېلېفون يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئالدىنقى سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈشنى تەشكىللەش، ئورۇنلاشتۇرۇش، يوشۇرۇن خەۋپ بار مەسىلىلەر بويىچە ئۆزىنى تەكشۈرۈش، تۈزىتىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ قانۇن ئىجراسىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە زور يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزىتىش، جامائەت پىكرى تەشۋىقاتىدىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، ئەتراپلىق ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تىرىشىپ بايقاپ، نۇقتىلىق كەسىپ ۋە ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەشكە تۈرتكە بولۇپ، دىققەتنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرىدۇ. كۆپچىلىكنىڭ سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، پوزىتسىيەنى توغرىلاپ، مەسىلىلەرگە دادىل يۈزلىنىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىگە ماسلىشىش تەشەببۇسكارلىقى ۋە ئاڭلىقلىقىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇشقا، ئۈنۈم يارىتىشقا، چوڭ تەكشۈرۈشنىڭ تۈرلۈك خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، مەملىكەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شۆھرەت زاكىر ھەيدەكچىلىك قىلىش 1- گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى ۋە ئۇلارغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈردى، ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنىڭ پۇختا، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، بىخەتەرلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ئائىت تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تۈرلۈك ھادىسە ئومۇمىي مىقدارىنىڭ سىجىل تۆۋەنلىشىگە تۈرتكە بولدى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. لېكىن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتى ھېلىھەم كەسكىن بولۇۋاتىدۇ، بەزى رايون ۋە ساھەلەردە ھادىسە يەنىلا كۆپ يۈز بېرىۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە بۇ قېتىمقى ھەيدەكچىلىك قىلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى پۇرسەت ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى يەنىمۇ ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىنىڭ ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»نىڭ روھىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش توغرىسىدىكى قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈپ بايقىغان مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل تۈزىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ چوڭقۇر، پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، مەسىلە، يېتەرسىزلىكنى تۈگىتىپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پەۋقۇلئاددە ئېغىر، زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل، مۇقىم ياخشىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ئىناق، مۇقىم بولغان بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى يارىتىشىمىز كېرەك.

  ھەيدەكچىلىك قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭدىكى مەزگىلىدە ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىدىكى ئالاقىدار شەھەر، ئوبلاست، ئالاقىدار كارخانىلارنى قانۇن ئىجرا قىلىش شەكلىدە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

  ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاۋ چىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر