باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھلىرى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى

2017.08.15 15:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (توقسۇ ناھىيەلىك رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدىن سىدىق مىجىت، گۈليار ھىمىت خەۋىرى) توقسۇ ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان «بىر يېزىدا بىر ئۆزگىچە مەنزىرە، بىر كەنتتە بىر يېڭلىق، بىر ماركا، بىر ئائىلىدە بىر ئالاھىدىلىك بولۇش» يېڭى تەپەككۇر يۇلى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، يېزا-بازارلاردا دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى ساياھەتچىلىك داڭلىق ماركىسىنى يارىتىپ تەبىئىي، ئۆزگىچە مەنزىرە، مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە ئەنئەنىۋى يېمەك-ئىچمەك ئەۋزەللىكى بىر گەۋدىلەشكەن دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھلىرىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، نامرات دېھقانلار كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  8-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇخبىر ئۈچقات يېزىسنىڭ ئاچىدۆڭ كەنتىدىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىغا كېلىپ زىيارەت قىلىش داۋامىدا، بۇ ئارامگاھتا نۇرغۇن شەھەر-بازار ئاھالىسى ۋە قوشنا ناھىيە، شەھەرلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر بىلەن تولغانلىقىنى كۆردى.

  ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت، مەبلەغ، تېخنىكا، ئۈسكۈنە جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن، ھازىرغا قەدەر توقسۇ ناھىيەسىدە 51 دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى قورۇلۇپ، بۇ ئارامگاھلار تەبىئىي مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكى، يېمەك-ئىچمەك تۈرىنىڭ كۆپلىكى، مېزىلىكلىكى، مۇلازىمىتىنىڭ ئەلالىقى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى.

  توقسۇ ناھىيەسىدىن ئۈچقات يېزىسى ئاچىدۆڭ كەنتىگە پائالىيەتكە قاتنىشىشقا كەلگەن ساياھەتچى جامال ساتتار مۇنداق دىدى: «مەن بۈگۈن ئۈچقات يېزىسنىڭ ئاچىدۆڭ كەنتىگە پائالىيەتكە قاتناشقىلى كەلگەن، پائالىيەت ناھايىتى ياخشى داۋاملىشىۋاتىدۇ، پائالىيەت تۈگىگەندىن كېيىن ئەل-ئاغىنە، دوست-بۇرادەرلەر بىلەن ئاچىدۆڭ كەنتىدىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىغا كېلىپ مېھمان بولدۇق، بۇ ئارامگاھنىڭ مۇلاىمىتى ناھايىتى ئەتراپلىق، ياخشى ئىكەن، بىز بەك رازى بولدۇق. شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ، قوشنا ناھىيە، شەھەرلەردىكى دوستلارنىڭ پۇرسەت بولسا بۇ دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىغا كېلىپ سەيلى-ساياھەت قىلىپ، ھوزۇرلىنىشىنى تەۋسىيە قىلمەن».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان توقسۇ ناھىيەسى يېزا-بازارلاردىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى قورۇلۇشىنى يەرلىكتىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم تەدبىر سۈپتىدە چىڭ تۇتۇپ، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندۇردى.

  توقسۇ ناھىيەسى ئۈچقات يېزىسى ئاچىدۆڭ كەنتىدىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنىڭ مەسئۇلى ئوسمان ھەسەن مۇنداق دىدى: مەن ئاچىدۆڭ كەنت دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىنى بۇ يىل 5-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرگەن، ھازىرغا قەدەر كەلگەن ساياھەتچى 5000 ئادەم قېتىمغا يېتىدۇ. ئىقتىسادىي كىرىم 250 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، ھازىر دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھىدا تۆت ئادەم مۇقىم ئىشلەيدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن مۇھىتنى تېخمۇ ياخشىلاپ، ئىقتىسادىي كىرىمنى ئاشۇرۇپ، مەھەللەمدىكى ئىشسىز ياشلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىمەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان توقسۇ ناھىيەسىدىكى دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى 12 مىڭ 720 ئادەم قېتىم ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىپ، 685 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىپ، دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھلىرى توقسۇ ناھىيەسىدىكى نامرات دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش، ئائىلە كىرىمىنى ئاشۇرۇشىدىكى تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر