باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

جاسارەت بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا قاتنىشىمىز

2017.08.10 09:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېزىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرى. ئاپتونوم رايوننىڭ يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇندىن ئۆگىنىپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار، دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، جاسارەت بىلەن سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا قاتنىشىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا بالدۇرراق يېتىشكە تۈرتكە بولىمىز.

  ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار: ھەر قانداق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە بۆلگۈنچىلىككە ياتىدىغان سۆزلەرگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىمىز

  شىنجاڭ ئىسلام دىنى ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز مۇنداق دېدى: ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت بىلەن دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما ئارىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، خاتا ئىدىيە، خاتا كۆز قاراشلارغا قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، ھەر قانداق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە بۆلگۈنچىلىككە ياتىدىغان سۆزلەرگە قارشى قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە تۆھپە قوشىمەن.

  جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھىرى يىنچۈەن شىمالىي يولى مەسچىتىنىڭ ئاخۇنى خەن جىنلۇ مۇنداق دېدى: يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆگىنىشىگە ئەرزىيدۇ، ئۇ بىزگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. شىنجاڭ كۆپ مىللەت، كۆپ دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان رايون، گەرچە ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتىدە پەرق بولسىمۇ، ئەمما ھەممىمىز بۇ زېمىننى چوڭقۇر سۆيىمىز، ھەرقايسى مىللەتلەر خۇددى بىر تۇغقان ئاكا- ئۇكا، ئاچا- سىڭىللاردەك بىر- بىرىمىزدىن زوقلىنىپ، ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ، بىر- بىرىمىزنى يۆلەپ، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقىمىز. جۇڭگو پۇقراسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنى، ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قەتئىي قىزغىن سۆيۈپ، بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلىق رولىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

  دېموكراتىك پارتىيە- گۇرۇھلار ۋە پارتىيە- گۇرۇھسىز زاتلار: ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، فۇنكسىيەمىزنى ئادا قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشىمىز

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى دۇڭ شىنگۇاڭ مۇنداق دېدى: يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ چوڭ ھەق- چوڭ ناھەق مەسىلىسىنى پەرقلەندۈرۈشتە مەيدانى ئىنتايىن روشەن، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكىتى ئالاھىدە قەتئىي، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە ھېسسىياتى ئالاھىدە سەمىمىي، ئۇ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى. بىز چوقۇم دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ ئىدىيەۋى تونۇشىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت خىزمىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن يېڭى ھەم تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.

  جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى مېڭ چىڭسەي مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىدىكى بارلىق ئەزالار ۋە ئورگان كادىرلىرى يولداش ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننى ئۈلگە قىلىپ، «مۇقىملىقنى قوغداشتا مۇناسىۋەتسىز ئادەم يوق» دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمىز. جۇڭگو ئىشچى- دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بىر نىيەت- بىر مەقسەتتە بولۇپ، ئورتاق ھەمكارلاشقان، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتناشقۇچى پارتىيە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىشچى- دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى ئىلگىرىكىدەكلا ئىشچى- دېھقانلار دېموكراتىك پارتىيەسىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىز ۋە بۇرچىمىزنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىش فۇنكسىيەمىزنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۇلىنى مۇستەھكەملەيمىز.

  پارتىيە- گۇرۇھسىز زات، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېلزات زادە مۇنداق دېدى: مەن ساداقەتمەنلىك، قەتئىيلىك بىلەن بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ، بايرىقىم روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە جەڭ ئېلان قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ئۇرۇق- تۇغقان، دوست- يارەنلەرنى ۋە ئەتراپىمدىكى كىشىلەرنى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە يېتەكلەيمەن، تۈرلۈك خاتا پىكىرلەرنى تىغمۇتىغ تەنقىد قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن.

  ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتىن باشقا ئىگىلىكتىكى زاتلار: «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمىز

  شىنجاڭ كۇرسلۇق مەھسۇلات تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، شىنجاڭ كۇرسلۇق مەھسۇلات ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ئابلىكىم ھۈسەيىن مۇنداق دېدى: ئۇيغۇر كارخانىچىلار ۋە سودىگەرلەر ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت دەپ بىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى «بىرىكمە مۇشت»نى ياخشى ئېتىشقا ئالاقىدار تەدبىرلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ دۆلىتىمىزنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇشتەك رەزىل نىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ» بىلەن بولغان چەك- چېگرانى قەتئىي ئېنىق ئايرىپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تىغمۇتىغ كۈرەش قىلىشى كېرەك. ئۇيغۇر كارخانىچىلار كۈچلۈك ئالغا ئىنتىلىش روھى بىلەن مەدەنىيەت، سىياسەت، باشقۇرۇش ئىلمى ۋە كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىپ، تونۇشى بىلەن ھەرىكىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆگەنگىنىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىسلاھات، تەرەققىيات، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئالاقىدار ئىشلارغا قاتنىشىپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىدا ئاۋانگارتلاردىن بولۇشقا تىرىشىپ، ئەمگەكچان بىر جۈپ قولى بىلەن ئەلا نەتىجىلەرنى يارىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشىدە ياخشى نەتىجە يارىتىشى ۋە ئۇنىڭغا يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  شىنجاڭ ئارمان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك سانائىتى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى رادىل ئابلا مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەن پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچىلىرىغا غەمخورلۇق قىلىۋاتقانلىقى ۋە قوللاۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن، كارخانىمىز بۈگۈنكىدەك خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرگە ئېرىشتى؛ ئىناق، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت بولغاچقىلا، كارخانىمىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشقا ئاساس سالدى. ئاز سانلىق مىللەت كارخانىچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ئۈلگىلەردىن بولىمەن.

  (مۇخبىرلىرىمىز لى ياڭ، مېھرىگۈل ناسىر، ما يىنىڭ)


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر