باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك

2017.08.10 09:10         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بورتالا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئالاقىدار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نىزام چىقىرىش قانۇنى»نى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى نەيىم ياسىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى باش نىشان ئارقىلىق يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ ئارقىلىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ۋاقتىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئىرادىسى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقى قاتارلىق جەھەتلەردە يەرلىك نىزام چىقىرىشتا مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلدى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى يەرلىك نىزام چىقىرىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي ساھەلەرگە ئالاقىدار نىزام چىقىرىشنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە پۇختا، كۈچلۈك يېتەكچىلىك قىلدى. تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يەرلىك نىزامدىن 34نى تۈزدى ۋە بۇ نىزاملارغا تۈزىتىش كىرگۈزدى، نىزام خاراكتېرلىك قاراردىن ئوننى چىقاردى، يەرلىك نىزام ۋە ئايرىم نىزامدىن 52نى تۈزۈش ۋە ئۇلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى تەستىقلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.

  نەيىم ياسىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى خىزمەت ئەمەلىيىتىدە شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيەنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە ۋە باش نىشاننى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنىڭ قانۇنچىلىق بىرلىكىنى قەتئىي قوغداش، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىشتىكى يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش، ئىلمىي نىزام چىقىرىش، دېموكراتىك ئاساستا نىزام چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

  نەيىم ياسىن مۇنداق دېدى: يەرلىك نىزام چىقىرىش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن ئىدارە قىلىدىغان شىنجاڭ قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرتى ۋە ئاساسى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە ماسلىشىپ، يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك؛ باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، نىزام چىقىرىش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك؛ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزام چىقىرىش خىزمىتىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىلمىي نىزام چىقىرىش، دېموكراتىك ئاساستا نىزام چىقىرىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ رايون تەسىس قىلىنغان شەھەر ۋە ئاپتونوم ئوبلاستلارنىڭ يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ قېلىپلاشتۇرۇلغان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك.

  بورتالا ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى، بايىنغولىن ئوبلاستى، قاراماي شەھىرى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى چيەن جى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر